سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قانداق كېلىپ چىققان؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2010-10-31 16:22

 

2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىران ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق ئۈچ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ تالىشىش نىشانىغا ئايلانغانىدى، كېيىن ئىران مەسىلىسى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا سەۋەب بولغانىدى.

ئىران 2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا بىتەرەپ دۆلەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. گېرمانىيە شۇ چاغدا ئىرانغا ناتسىستلار پارتىيەسى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ كوماندىرى ئاپتىرنى ئەلچىلىككە ئەۋەتكەنىدى. شۇ چاغدىكى گېرمانىيەنىڭ ئىراندىكى ئەلچىخانىسىدا يۈزدىن ئارتۇق خادىم بولۇپ، ئارىسىدا گامود، مار قاتارلىق داڭلىق جاسۇسلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئىراندا يالغۇز ئاخبارات توپلاپلا قالماستىن، ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تەمىنات لېنىيەلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا مەسئۇل ئىدى. 1941-يىل 19-ئىيۇل ئەنگلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىرانغا نوتا تاپشۇرۇپ، گېرمانىيە ئەلچىلىرىنى دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى. ئەينى چاغدىكى ئىران پادىشاھى رىزا ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى. دەل شۇ ۋاقىتتا گېرمانىيە ئىراننى ئەگەر ئەنگلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دېگىنىگە كۆنسە نوتا تاپشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. شۇ چاغدا گېرمانىيەنىڭ ئىراندىكى باش ئەلچىسى ئىرانلىقلارغا: «بىزنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنى بويسۇندۇرۇشىمىزغا ئاز قالدى» دەپ لاپ ئۇرغانىدى.

25-ئاۋغۇست ئەنگلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنى ئىراننى جەنۇب، شىمال ئىككى تەرەپتىن ئىسكەنجىگە ئېلىپ ھۇجۇم قىلدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن پادىشاھ رىزا قارشىلىقنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. 30-ئاۋغۇست ئەنگلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىراندىن گېرمانىيەلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىشنى يەنە تەلەپ قىلدى. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى پادىشاھ رىزا تەرىپىدىن يەنە رەت قىلىندى، ئەنگىلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىراندىكى باش ئەلچىلىرى دەرھال پادىشاھ رىزا بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭدىن تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئۇنداق قىلمىسا ئۈچ كۈن ئىچىدە تېھرانغا بېسىپ كىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامالسىز قالغان پادىشاھ رىزا ئاخىر تەختنى ئوغلى پەھلىۋانغا ئۆتۈندى. ئىران تارىخىدىكى بۇ قەھرىمان پادىشاھ ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە ياقا ئەلدە سەرگەردانلىقتا ئالەمدىن ئۆتتى. ياش پەھلىۋى پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، گېرمانىيەگە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا قوشۇلدى.