يىنپىڭ ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدى كەينىدە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2010-12-09 17:12
 
كورىيەنىڭ «چونئان» ۋەقەسى ئەمدى تىنجىشىغا، يىنپىڭ ئارىلىدا چاۋشيەن بىلەن كورىيەنىڭ ئۆزئارا زەمبىرەك بىلەن ئېتىشقان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەينى ۋاقىتتا «چونئان» ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشىدىكى مەسئۇلىيەتنى چاۋشيەنگە ئارتقانغا ئوخشاش، ئامېرىكىلىقلار بۇ قېتىممۇ زەمبىرەك ھۇجۇمى باشلانغان كۈنىلا ئاۋياماتكا ئەۋەتىپ، سېرىق دېڭىز تەۋەسىگە كىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن تېخى ئەمدىلا پەسىيىشكە باشلىغان چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى يەنە جىددىيلەشتى.
بۇ قېتىم يىنپىڭ ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي ۋەزىيەت كىشىلەرگە مۇنداق بىر مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشقا ئۈندەيدۇ: بۇ يىل مارت ئېيىدا «چونئان» ناملىق پاراخوت ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا تېز سۈرئەتتە داغدۇغا بىلەن ئارىلىشىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى: ئامېرىكا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە جىددىي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
«چونئان» ۋەقەسى تاسادىپىي ۋەقە. چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئىككى تەرەپنىڭ دۈشمەنلىشىشى ۋەقەگە ئالاقىدار ئىسپاتنىڭ كەمچىللىكى بۇنىڭ تېز ئاخىرلاشتۇرغىلى بولمايدىغان گۇمانلىق ۋەقە ئىكەنلىكىنى بەلگىلىدى. لېكىن ئامېرىكىنىڭ ھەشەم بىلەن بۇ ۋەقەگە ئارىلىشىشى ئىشنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى. بۇنىڭ ئوبيېكتىپ تەسىرى: ۋەقە يېرىم ئارالنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى، چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى تەستە قولغان كەلگەن جىددىيلىك پەسىيىش ۋەزىيىتىنى يوق قىلدى، جۇڭگو بىلەن كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن فۇتىنما ئارىلىدىن كۆچۈپ كېتىشنى تەلەپ قىلىش پىلانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئامېرىكىنىڭ كورىيە قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىۋەتتى، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە، كورىيە بىلەن بولغان ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقىغا بولغان كونتروللىقىنى مۇستەھكەملىدى.