رۇسىيەدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول ئېنىقلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2010-12-24 09:41

 

توپ ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن كىچىككىنە گەپ تەگىشىپ قېلىش ئون مىڭچە كىشىنى قالايمىقانچىلىققا سۆرەپ كىردى. ئۆتكەن ئون نەچچە كۈندە رۇسىيەنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكى بىر قېتىملىق سىناققا دۇچار بولدى.

گەرچە ھازىر رۇسىيە ساقچىلىرى پات-پات قاتتىق زەربە بېرىپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ئاجىزلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەردى. تېخىمۇ كۆپ رۇسىيەلىكلەر بىر قىسىم ياشلارنىڭ قالايمىقانچىلىقتىكى قىلمىشى ناتسىستلارنىڭ قىلمىشىغا مايىل بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ قالايمىقانچىلىقتا ئىرقچىلىق شوئارلىرىنى توۋلىغانلىقى ھەمدە ناتسىستلارچە سالام بەرگەنلىكىدىن ئەندىزە قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ۋە باش مىنىستىرى پۇتىن يېقىندا: رۇسىيەدىكى رادىكال كۈچلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى كەينى كەينىدىن بىلدۈردى. لېكىن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيەدىكى رادىكال كۈچلەر تارىخىي مەۋجۇتلۇق بولۇپ، بۇنىڭدا مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش بار، بۇنى چەكلەش ۋە يوقىتىش ئۈچۈن زەربە بېرىشلا كۇپايە قىلمايدۇ.

رۇسىيەدە يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق قالايمىقانچىلىق- توپ ھەۋەسكارلىرى سەۋەبلىك پەيدا بولغان بىر مەيدان قانلىق ۋەقە.

5-دېكابىر كەچتە، موسكۋا ئىسپارتاك توپ كوماندىسىنىڭ ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىر تۈركۈم كاۋكازلىق ھەۋەسكارلار باشتا گەپ تەگىشىپ قالدى، ئاندىن ئۆزئارا مۇشتلىشىپ كەتتى. سىۋېيلىدوۋ ئىسىملىك 28 ياشلىق بىر موسكۋالىق توپلىشىپ مۇشتلىشىشتا يارىلىنىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.

11-دېكابىر، سىېيلىدوۋنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى، گۈل قويۇش ۋە سۈكۈتتە تۇرۇش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پۈتۈن پائالىيەتنىڭ يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولدى. ئارقىدىن، نۇرغۇن ئادەملەر سىۋېيلىدوۋ قەستكە ئۇچرىغان جايغا يېقىن مانېژ مەيدانىغا جەم بولدى، بۇلار ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش مىڭغا يەتتى. لېكىن ساقچىلار شۇ ۋاقىتتا ۋەزىيەتنى كونترول قىلمىدى. ساقچىلار ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقان ياشلارنى تۇتۇۋاتقاندا قارشىلىققا ئۇچرىدى. ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى بولمىغاندىن كېيىن، ساقچىلار مەجبۇرىي تەدبىر قوللىنىپ كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇردى ھەمدە 65 ئادەمنى قولغا ئالدى. مانېژ مەيدانى بىلەن كېرمىل سارىيى پەقەتلا تام ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى مىدۋىدىۋ قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ھەيران بولۇپ: «بۇ خۇددى قاباھەتلىك چۈش كۆرگەندەكلا ئىش بولدى» دېدى.