ئىران ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-01-11 17:44

 

ئىران فارس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئاۋىياتىسيە شىركىتىنىڭ بوئېن 727 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 9-يانۋار كەچتە ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇلۇمىلاي شەھىرىنىڭ ئەتىراپىدا جىددىي قونغاندا چۈشۈپ كەتكەن. يولۇچىلار بىلەن ئايروپىلان خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 105 كىشىنىڭ 77 سى قازا قىلغان،27 سى يارىلانغان،بىرسى يوقاپ كەتكەن. جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئايروپىلاندا بىرمۇ جۇڭگولۇق يولۇچى يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى.

نۆۋەتتە، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ ئىككى قارا قۇتىسى تېپىلدى، ئىراننىڭ قاتناش مىنىستىرى خەمىد بايخباخانى 10-يانۋار مۇنداق دېدى: دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولىشىچە، ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن كۆرۈش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىشتىكى مۇھىم سەۋەپكەن. فارس ئاگېنتلىقى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئايروپىلان تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن مەجبۇرى قونغان، ئەلۋەتتە ھاۋارايىنىڭ سەۋەبىنىمۇ يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ. ئىران ئەمەلدارلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قۇتقۇزۇش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، ھايات قالغانلار بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق، ئايروپىلاننىڭ تۇيۇقسىز قونۇشىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق.

بۇ ئايروپىلان ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىن يولغا چىقىپ، غەربىي شىمالدىكى 700 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى غەربىي ئەزەربەيجاننىڭ مەركىزى ئۇلۇمىلايغا قاراپ ئۇچقان. تېھراندا قېلىن قار ياغقانلىقتىن ئايروپىلان ئىككى سائەت كېچىككەن. ئۇلۇمىلايغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، قېلىن قار ۋە تۇمان سەۋەبىدىن ئايروپىلان 1-قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قونالمىغان، ئايلىنىپ يۈرۈپ 2-قېتىم قۇرۇقلۇققا قونۇش جەريانىدا، ئايروپىلان تۇيۇقسىز نازارەت قىلىش رادارىدىن يوقاپ كەتكەن. شۇ جاي ۋاقتى سائەت 19دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، ئايروپىلان ئۇلۇمىلاي كۆلىدىكى بىر كەنتكە يېقىن ئەتراپتا چۈشۈپ كەتكەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئىران ئارمىيەسى، خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى، قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي چەترەك بولغاچقا، يەنە كېلىپ قار ياغقان ۋە كېچە بولغاچقا، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىنتايىن تەسكە توختىغان. ئىران ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: شۇ جايدىكى قارنىڭ قېلىنلىقى 70 نەچچە سانتىمېتىر كېلىدۇ، نۇرغۇن يولۇچىنىڭ يارىسى ئىنتايىن ئېغىر، قۇتقۇزغۇچى خادىملار پۈتۈن كۈچى بىلەن قار كۈرەپ، يولنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. يارىدار بولغانلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى.

نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەر مۇنداق دېدى: ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، نەچچە چوڭ پارچە بولۇپ كەتتى، بەختكە يارىشا پارتلاش بولمىدى، بۇ بولسىمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھايات قېلىشىدىكى مۇھىم سەۋەپ. ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى، بۇ، ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە بەلگىلىك قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى.

ئىراندا يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. 2009-يىلى 7-ئايدا ئىراننىڭ كاسپىي دېڭىزى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ رۇسىيە ياسىغان تۇ-154 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى تېھران ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلاندىكى 168 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان. 2010-يىلى 1-ئايدا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىراننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ماشخاد ئايرودۇرۇمىدا يەرگە قونغاندا ئوت كېتىپ، 40 نەچچە كىشى يارىلانغان ئىدى.

ئىران جامائەتچىلىك پىكىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ كونىراپ كېتىشى ئىراننىڭ ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە توسالغۇ بولىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەب. غەرب ئەللىرىنىڭ ئىراننى جازالاش مۇددىتىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلۇشى ئىراننى بۇ كونىراپ كەتكەن ئايروپىلانلارنى يېڭىلاشقا ئامالسىز قىلىپ قويدى، ئىرانغا نىسبەتەن ئايروپىلاننى رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان زاپچاسلارنى سېتىۋېلىشمۇ قىيىن بولۇپ كەتتى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئىران ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۇرغۇن بوئېن ئايروپىلانى 1979-يىلى ئىسلام ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى سېتىۋېلىنغان. بۇ ئايروپىلانلارنىڭ ۋاقتى 30 يىلدىن ئاشتى، رېمونت قىلىش ۋە ئۇنى ئاسراش بىر مەسىلىگە ئايلاندى. ئىراندىكى باشقا خىلدىكى ئايروپىلانلار ئاساسلىقى رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە سېتىۋېلىنغان ئايروپىلانلارمۇ بار، بۇ ئايروپىلانلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ زاپچاسلىرى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان.

ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىران ئاۋىياتسىيە تارماقلىرى 2010-يىلى 8-ئايدا بوئېن ئايروپىلانىدىن 13نى ۋە ئايروباس ئايروپىلاندىن ئالتىنى سېتىۋېلىپ، رۇسىيە ياسىغان تۇ-154 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشنى پىلانلىغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىران يەنە ئۆزى ئىران 140تىپلىق ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ ياسىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئاساستا ئىراننىڭ تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ئايروپىلانلارنى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ ۋە ئىشلەپچىقىرىپ، ئىراننىڭ ئۇچۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.