گېتلىرنىڭ ئۈچ سەۋەنلىكى
مەنبەسى:باغداش تورى     |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-01-04 17:20

ئەينى چاغدا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي كۈچ _ ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇشتا چېنىققان 3 مىليون 25 مىڭ كىشىلىك گىرمانىيە قوشۇنى ياۋروپانىڭ غەربىدىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىنىڭ ھەممىسىدە غەلبە قىلغاندىن كېيىن ، " بابۇروسا" پىلانى ئۇرۇشىنى قوزغايدۇ . بۇ گېتلىرنىڭ بالتىق دېڭىزىدىن قارا دېڭىزغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلغان پۈتۈن لىنىيىلىك تۇيۇقسىز ھۇجۇمىنىڭ نامى بولۇپ ، گېتلىر ئۆزىگە تۇلۇق ئىشەنگەن ھالدا مەسلىھەتچىلىرىگە : ئۈچ ئايغا بارمايلا بىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزۈل _ كېسىل بىتجىت بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز ، _ دەيدۇ .

گېتلىر قىش پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنقى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتىلا سوۋېت ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغىلى بولىدۇ دەپ ھېسابلاپ ، ئۆز ئارمىيىسىگە سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ بەرمىگەن .

ستالىن ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەتتىن ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن ، بۇنىڭدىن يوقىرىقى مۆلچەرنى ھېچقانداق ئاساسى يوق دېگىلى بولمايدۇ . ستالىن ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردىمۇ ھەتتا نېمىس قوشۇنى ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىنمۇ گېتلىرنىڭ گېرمان _ سوۋېت شەرتنامىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ناپالىئوننىڭ كونا ھالاكەتلىك يولىغا ماڭغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تەمىنلىگەن ، گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ توپلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بەرگەن ئاخباراتلىرىغا ئىشەنمىگەن . ئۇنىڭ گۇمانلانغىنى گېتلىر بولماستىن ، بەلكى چېرچېل بىلەن رۇززۋېلىتنىڭ ئۆزىنى گېتلىغا قارشى ئۇرۇش توزىقىغا دەسسىتىشىدىن گۇمانلانغان . گېتلىرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى قۇماندانلارنىڭ قىسىملارنى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەلىپىمۇ ستالىن تەرىپىدىن رەت قىلىنغان . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھاۋا مۇدائىئە قىسىملىرى گىرمانىيە ئايروپلانلىرىنى توسۇشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاچقا گىرمانىيە ئايروپلانلىرى ئارقا - ئارقىدىن توختىماي سوۋېت ھاۋا بوشلىقىغا كېرىپ ، سوۋېت ئىتتپاقى ئايررودوروملىرىنى سېستىمىلىق سۈرەتكە ئېلىپ ، بۇنىڭ بىلەن يۈزلىگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئايروپلانلىرىنىڭ ئۇرۇش باشلىنىش بىلەنلا يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىلىشىغا سەۋەپچى بولغان .

ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش شتاب باشلىقى گېنرال ژۇكۇۋ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بالتىق دېڭىزىدىن ئوكرائىناغىچە پۈتۈن لىنىيىلىك ھۇجۇمغا ئۇچىرىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلىپ كېلىپ ، چۈش كۆرۈۋاتقان ستالىننى ئۇيغاتقاندىمۇ ، سىتالىن ئاللىقاچان يۈز بەرگەن بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان . ئۇ دېپلۇماتىيە مىنىستىرلىقىغا بىرلىن بىلەن ئالاقىلىشىشقا بۇيرۇق بەرگەن ھەمدە ياپۇنىيىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىدىن ئۈمىد كۈتكەن . 1941 - يىل ئىيۇلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسى گىرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇقۇم قىلغاندىن كېيىن ، ستالىن ناھايىتى جىددىلىشىپ كەتكەن . ئۇ بىر ھەپتىدە ھېچقانداق بىر بۇيرۇقمۇ چۈشۈرمىگەن . ھۋچقانداق بىر ھۆججەتكىمۇ ئىمزا قويمىغان . كەم دېگەندە ئۈچ كۈن كىشىلەر ستالىننىمۇ كۆرمىگەن . ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىمىغان . ئۇ يېزىدىكى داچىسىغا كرىۋېلىپ ، ئۈمىدسىزلىنىپ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالغان . مولوتۇۋ ۋە باشقا سىياسىي بيۇرو ئەزالىرى ئۇنى ئىزدەپ داچىسىغا بارغاندىمۇ سىتالىن ئۇلارنى ئۆزىنى قولغا ئالغىلى كەلگەن چېغى دەپ ئويلىغان . ئەمەلىيەتتە ئۇلار ستالىننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىپ كەلگەن .

شۇ چاغدىن باشلاپلا ستالىن ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، دۆلەت مۇداپىئە كومتېتى تەشكىللىگەن ، ئۆزى رەئىس ۋە ئالىي قۇماندانلىقنى ئۈستىگە ئالغان . پۈتۈن بىر يازدا سوۋېت ئارمىيىسى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ ، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى 8 ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 4 مىليۇن ئوفېستىر - ئەسكىرى گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ ئەسىرگە چۈشكەن . 

   1942- يىل پۈتۈن دۇنياغا كەلگەن ئامەت شۇكى ، گېتلىر شۇ چاغدا خاتالىق ئۆتكۈزگەن . ئۇ گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ موسكىۋانى قورشاش ۋە بېسىپ كىرىش ۋاقتىنى گىرمانىيە ئارمىيىسى باش شتابى ئوتتۇرىغا قويغان . 1941 - يىلى 8 - ئايدىن 10 - ئايغا كېچىكتۈرگەن . بۇنداق كېچىكتۈرۈشنىڭ نېتىجىسى گىرمانىيىنىڭ ئالدىن يۈرۈش يۈرۈش قىلغۇچى قىسىملىرى موسكۋاغا يېقىنلاپ بارغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارا قىشىغا توغرا كېلىپ قېلىپ ، ئىلگىرلەشكە ئامالسىز قالغان .
گېتلىرنىڭ ئىككىنچى خاتالىقى ، مانا شۇ ۋەزىيەت ئاستىدا ، ئۇ ئەسلىدە ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەت ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى يالغۇز سۇلىھى قىلىپ ، دۈشمەنلىرىنى پارچىلىسا بولاتتى ، بىراق ، ئۇنداق قىلماي ، ئەكسىچە پىيارىل خاربور ۋاقەسىدىن كېيىن ئۇنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتىن ئىبارەت دو تىكىش قارىشى كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن ، 1941 - يىلى دېكابردا ئامېرىكىغا رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلغان .

گېتلىرنىڭ ئۈچىنچى خاتالىقى ، ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەنلا ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە دىپلۇماتىيە ۋاستىسىنى بارغانسىرى ئاز ئىشلىتىپ ، ئەكسىنچە ئۆز تەبىئىتىدىكى تەشەببۇسى بولغان ھەربىي كۈچكىلا تايىنىۋالغان . گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسىرلىرىنى خورلىشى ، ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى يىلىلا 3 مىليۇن ئەسىرنىڭ ئۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان . گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ پۇقرالارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشىمۇ ئامان قالغانلارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن پارتىزانلار قوشۇنىغا قاتنىشىشىغا سەۋەپچى بولغان .

ئۇرۇشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى 1843 - يىلى يانۋاردىكى ستالىنگراد ئۇرۇشى ، گېتلىر 6 - جۈنتىۋەننىڭ چېكىنىشىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇماندانلىرىدىن ژوكۇۋ ۋە ۋاسلېۋسكىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ ، 200 ئېنگىلىز چاقىرىمغا سوزۇلغان ئالدىنقى سەپتە گىرمانىيە ئارمىيىسىنى قورشاۋغا ئېلىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 5 مىليون 500 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇنى گىرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش قوشۇنلىرىنى بىراقلا شەرق ياۋروپادىن قوغلاپ چىقىرىپ ، گېتلىرنىڭ دەسلەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىكى ئۇرۇش باشلاش نۇقتىسىدىنمۇ ئېشىپ ،1945 - يىل مايدا بېرلىننى ئىشغال قىلىدۇ .