ئەرەبىستاننىڭ باففىتى: Alwaleed
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-01-14 16:44

بۇ يىل 57 ياشقا كەلگەن سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى Alwaleed خان جەمەتلىرى ئارىسىدا «مەبلەغ سېلىش ماھىرى» شۇنداقلا «دەۋر» ژۇرنىلىدا «ئەرەبىستاننىڭ باففىتى» دەپ مەدھىيلەنگەن. شاھزادە Alwaleed مول ئىستىراگىيىلىك پىلانى ئاساسىدا «مەبلەغ سېلىش سارىيى»نى قۇرغان ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك مەبلەغ سېلىشنى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات پىلانى قىلغان.

Citibankغا سالغان مەبلىغى بولسا شاھزادە Alwaleedنىڭ ئەڭ ئۇتۇق قازانغان بىر قېتىملىق مەبلەغ سىلىش پىلانى. 1990-يىلى، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ بانكىسى بولغان Citibank قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ، پاي باھاسى بىراقلاپ چۈشۈپ كەتكەن. Alwaleed دەل مۇشۇنداق چاغدا پاي چىكىنى سېتىۋىتىش ئەمەس ئەكسىچە پاي چىكى سېتىۋىلىپ بازارغا كىرىشنى تاللىغان، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال سەككىز يۈز مليون Citibank پاي چېكىنى سېتىۋالغان. Citibankنىڭ پاي چېكى 1994-يىلدىن كېيىن ئۇچقاندەك ئۆرلەپ كەتكەن، 2005-يىلى، Alwaleed ئەينى ۋاقتىدا سېتىۋالغان پاي چېكى بىر قېتىمدىلا ئون مليارد ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆسۈپ، Citibank گوروھىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكىغا ئايلانغان. مۇشۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىش بولسا ئۇنىڭ بۈگۈنگە قەدەر نەتىجىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى بايلىقىنىڭ يىرىمىنى دەل مۇشۇ مەزگىلدە تاپقان.