20نەچچە يېشىدا ئىگىلىك تىكلىگەنلەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-01-24 17:30

سېتىۋىن جوبس بىلەن بىل گايتىس

نۇرغۇن كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى تەجرىبىدە، شۇڭلاشقا ياشتا چوڭراق كىشىلەر ئىگىلىك تىكلىسە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى چوڭراق بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما ھازىرقى ئەھۋال بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.

ئىشەنمىسىز تۆۋەندىكى تالانت ئىگىلىرىنىڭ يېشىغا قاراپ بېقىڭ، دۇنيا ئىقتىسادىدا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ياراتقان بۇ كىشىلەر دەل تۇنجى قەدىمىنى 20 نەچچە يېشىدىن باشلىغان.

گوگول شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى: سىرگى بىرىن ۋە لارى پىچ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىگەن يېشى 25 ياش ۋە 26ياش.

ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى: سېتىۋىن جوبس 21 ياش

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى: بىل گايتىس 20 ياش، پول ئايلون بولسا 22 ياش

فەيسبۇك تور بىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى: زاكېربۇرگ 20 ياش

ۋورما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى: ۋوردون 26 ياش

بۇنىڭدىن بىرەر قانۇنىيەتنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟ شۇنداق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 20~26 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئەڭ ئۇتۇق قازانغان شىركەتلەرنىڭ قۇرغۇچىسى.