ئامېرىكىنىڭ 1-خانىملىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-03-14 11:30

ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ  ئىلگىرىكى بىرىنچى خانىمى نەنسى رېگېن يولدىشىنىڭ ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ھارپىسىدا ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى بىرىنچى خانىمىغا:«ئاق سارايدا ئامېرىكا خانىمى بولۇشنى ھەرگىزمۇ راھەت پاراغەت كۆرۈش دەپ قالماڭ، بۇ ناھايىتى جاپالىق خىزمەتدۇر» دەپ نەسىھەت قىلغان. ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى خانىملىرىنىڭ ئاق سارايدىكى تۇرمۇشى قانداقتۇ؟ ئىلگىرى ئاق سارايدا مۇھىم خىزمەت ئۆتىگەن نەنسى كلارك «مېنىڭ بىرىنچى خانىملىرىم» ناملىق ئەسلىمە خاتىرىسىنى نەشىر قىلدى. بۇ كىتابتا نەنسى كلارك ئاقساراينىڭ ئىچكى خادىمى بولۇش نۇقتىسىدىن ئاقساراينىڭ ئايال باشقۇرغۇچىلىرىنى ئۆزى ھېس قىلغان نۇقتىدىن تەسۋىرلەپ بىرگەن.

روسلىن كات

ئامېرىكىنىڭ 39-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى كاتنىڭ ئايالى روسلېن كات ئاقسارايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تاماق ئېتىپ بەرگەن

«مېنىڭ بىرىنچى خانىملىرىم» ناملىق ئەسلىمە خاتىرىسىنىڭ ئاپتورى نەنسى 1978-يىلى8-ئايدا ئاقسارايغا كىرگەن. نەنسىنىڭ تۇنجى ئۇچراتقان ئامېرىكا بىرىنچى خانىمى روسلىن كات بولۇپ، ئۇلار تۇنجى قېتىم روژدېستۋو بايرىمى ھارپىسىدا كۆرۈشكەن. نەنسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئاق ساراينىڭ ئاساسلىق باغۋىنى بولۇپ قالغان. نەنسى بۇ ئامېرىكا بىرىنچى خانىمىنىڭ كەمتەرلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئادىتىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. روسلېن كات ئۈچۈن ئالاھىدە دۆلەت زىياپىتى لاھىيەلەپ بېرىدىكەن. نەنسى  روسلىن خانىمنىڭ كىيىنىش ۋە تەقى-تۇرقىنى تەقلىد قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىكەن.

 ئاق سارايدىكىلەرنىڭ ھەممىسى روسلېننى تۇرمۇشتا ئاددىي-ساددا، ئىسراپخورلۇق ۋە ھەشەمەتچىلىككە قارشى تۇرىدىغان ئاق ساراي خانىمى دەپ قارايدىكەن. كات ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكا ئىقتىسادىي كاساتچىلىق مەزگىلىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئاق سارايمۇ ھەر جەھەتتە ئىقتىساد قىلىدىغان بولغان. نەنسى روسلېننىڭ نۇرغۇن قىزىقارلىق ئەسلىمىلىرى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭغان. روسلېن باشقا بىرىنچى خانىملارغا سېلىشتۇرغاندا دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن. روسلېن دائىم يولدىشى كاتنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىدىكەن، كابېنت يىغىنلىرىغا، زۇڭتۇڭ مەنىۋى ساغلاملىق تەتقىقات يىغىنلىرىغىمۇ قاتنىشىدىكەن. نەنسىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنى روسلېن بەزىدە تېخى ئاق ساراي ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە ئۆز قولى بىلەن تاماق ئېتىپ بېرىدىكەن. نەنسىنىڭ دېيىشىچە، روسلېن ئۆزى ئۇچراتقان ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە تاماق ئېتىپ بېرىشنى خالايدىغان بىردىنبىر ئامېرىكا بىرىنچى خانىمى ئىكەن. روسلېن يەنە ھاراق تەڭشەشكە ماھىر بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى روسلىننىڭ ئالاھىدە تەڭشىگەن خام تۇخۇم، شېكەر،  سۈتنى چېلىپ ئۈزۈم ھارىقىغا ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشىگەن ھارىقىنى ئىچىشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن.

1978-يىلىدىكى روژدېستۋو كېچىلىكىدىن كېيىن، روسلېن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، نەنسى روسلىننى ناھايىتى ئاز ئۇچراتقان. روسلېن پەقەت ئاق ساراي زىياپىتىگە لايىھىلىگەن گۈل چەمبىرەك لايىھەسىنى كۆرگىلى كەلگەندىلا،  نەنسى ئاندىن ئۇنى كۆرەلەيدىكەن. گەرچە دائىم كۆرۈشۈپ تۇرمىسىمۇ، روسلېن نەنسىنىڭ قول ھۈنەر ئەسەرلىرىگە ناھايىتى ئىكەن. ئەينى چاغدا دېڭ شياۋپىڭنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدە، نەنسى ئۇنىڭغا دېڭ شياۋپىڭنىڭ گۈل چېيى ئىچىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بىرلىكتە لايىھە تۈزۈپ، گىئورگىيە شىتاتىغا بېرىپ گۈل ئۈزۈشكە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتكەن.