شىكىسپېر ئاقسۆڭەكلەر تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلاتتىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-09-23 16:38

شىكسپېر ئىلمى- غەربتىكى ئېچىلماس سىردۇر. بۇ ئۇلۇغ دراماتورگ غەربتە تەۋرەنمەس يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، تەسىر كۈچىنىڭ زورلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. لېكىن ئۇ ھايات ۋاقتىدا ھېچقانداق قول-يازما، خەت-چەك، خاتىرە قالدۇرمىغان، ھەتتا شۇ دەۋردىكى كىشىلەرمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئېنىق مەلۇماتمۇ قالدۇرمىغان. كىشىلەر ئۇنىڭ ھەقىقىي سالاھىتىنى ئەزەلدىن بىلىپ باقمىغان، ھەتتاكى «شىكسپېر» دېگەن ئىسىمنىڭ راست ياكى يالغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىسپاتلاپمۇ يوق. ئۇ خىلۋەت بىر كەنتتىن كەلگەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان، ئالاھىدە بولغان ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشىمۇ يوق. لېكىن ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىشىلەر مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمىغۇدەك داڭلىق دراماتورگ بولۇپ، غەربتە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىك ئەسەرلەرنى ياراتقان. ئۇنىڭ كىچىك ئىسمى ۋېليام بولۇپ، ئارزۇ-ئارمان، ئىرادە دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

كىچىكىدىنلا ئاقسۆڭەكلەر تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىدىكەن

نەچچە ئەسىر ئىلگىرى باستىېر قولدا ئىشلەنگەن غاز پېيى قەلەمدە، ئەنگىلىيىنىڭ مەركىزى ستەتفورد شەھىرىنىڭ تىزىملاش خاتىرىسىدە:«جون شىكسپېرنىڭ ئوغلى 1564-يىلى4-ئاينىڭ26-كۈنىدىن باشلاپ خرىستىئان دىنىغا چوقۇنغان» دەپ يازغان. بۇ بالا كېيىن«ۋېليام شىكسپېر» دەپ ئاتالغان. ۋېليامنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئائىلە شارائىتى ياخشى بولۇپ، دادىسى جون خۇرۇم سودىگىرى، قوشۇمچە قوي يۇڭى سودىسى قىلىدىكەن. ئەينى چاغدا يەرلىكتىكى خەلقلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بازار باشلىقى بولغان. ئۇ بىر ئۆمۈر ئىمزا قويغاندا پەقەت بەلگىلا قويىدىكەن، ئايالىمۇ ھەم شۇنداق قىلىدىكەن. ئۇلار چوڭ ئوغلى شىكىسپېرغا بارلىق ئۈمىدىنى باغلىغان بولۇپ، شۇ چاغدا لاتىن تىلى مەدەنىيەت ۋە تەربىيلىنىشكە سىموۋول قىلىنغان ھەمدە يۇقىرى تەبىقە جەمئىيىتىگە كىرىدىغان يول بولغاچقا، ئوغلىنى يەتتە ياش ۋاقتىدىلا «پادىشاھلار مەكتىپى» دە لاتىن تىلى ئۆگەتگەن. مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىغا لاتىن تىلىدا داراما ئوينىتىدىكەن، شۇڭلاشقا شىكىسپېرنىڭ كىچىكىدىنلا ئويۇن قويۇن پۇرسىتى جىق بولغان. تىياتىر ئۆمىكىدە دائىم نەسىھەت خارەكتېرلىك ئەنئەنىۋى داراممىلارنى قويىدىكەن. بەزىدە ئارتىسلار تېخى ئابستراكت «ئىنسانلار»، «ياشلىق» ياكى «رەزىللىك» خارەكتېرلىك روللارنى ئوينايدىكەن. بۇنداق سىموۋوللۇق روللار شىكىسپېرنىڭ كەلگۈسىدىكى دراممىسىدا ئۈلگىلىك رول ئوينىغان. ئەنئەنىۋى بايراملاردا ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ئورمانلىققا بېرىپ كېچىچە تەبرىكلىشىدىكەن. بۇ خىل ئادەت ئەنگىلىيەنىڭ ئەل ئىچىگە چوڭقۇر سىڭگەن بولۇپ، ئالىيجانابلىق بىلەن گۈزەللىك بىرلىشىپ كەتكەن. مانا بۇلارنى شىكسپېرنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىپ، ئۇ رول ئالغان دراممىلاردا نۇرغۇن ئۇنتۇلماس ئىزلارنى قالدۇرغان دېيىشكە بولىدۇ.

شىكىسپېر11يېشىدا «خانىش ئېلزابىد بىرىنچى» ئەنگىلىيىنىڭ مەركىزى قىسمىنى دائىم ئايلىنىپ يۈرىدىكەن. بۇنداق كاتتا بولغان كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان كۆرۈنۈش ئۇنى بىر ئۆمۈر پادىشاھلىق تۇرمۇشىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە مەپتۇن قىلغان. شۇڭلاشقا شىكىشپېر پادىشاھلىق، ئاقسۆڭەكلىك، مۆتىۋەرلەر تۇرمۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ رول ئوينايدىكەن، ھەمىشە ئالاھىدە ھوقوقنىڭ شېرىن خىياللىرىغا غەرق بولۇپ كېتىدىكەن.
ئۇ ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن يىلى ئائىلىسى نامراتلىشىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن يوقاتقان بايلىقىنى قايتۇرۇۋېلىشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئۆز دراممىلىرىدا ئەكس ئەتتۈرگەن.
شىكسپېر گەرچە ئوكسفورد، كامبرىجددەك داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلاردا ئوقۇمىغان بولسىمۇ، ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن قىيىنچىلىقلار ئۇنى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگەن. كىچىكىدىنلا دادىسىغا ياردەملىشىپ سودا قىلغاچقا، پەلەي ياساش، قوي يۇڭى سېتىش قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر ئۇ رول ئوينىغان دراممىلاردا پات-پات كۆرۈلىدىغان بولغان. خۇددى رومىئو جۇلىتتانىڭ پەلىيى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇھەببەتنى بۇنداق كۈچلۈك دەرىجىدە ئىزھار قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەر كۆرۈرمەنلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەندەك.

ئائىلىسىنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان

شىكسپېر20 ياش چاغلىرىدا يۇرتىدىن ئايرىلىپ لوندونغا بېرىپ، دەسلەپكى نەچچە يىلدا تىياتىرخانا ئىشىكى ئالدىدا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېتىنى قاراپ بەرگەن، كېيىن ئۆمەككە قوبۇل قىلىنىپ يۈگۈر يېتىم ئىشلىرىنى قىلغان، يانداش رول ئوينىغان، سۆزلەرنى ئەسكەرتىپ تۇرغۇچى بولغان، ئىشقىلىپ ئۇششاق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ باققان. ئەينى چاغدىكى لوندون بولسا ياشلار توپلاشقان بازار ئىدى. تاۋارلاشقان ئويۇن قويۇش مەيدانىدا ئۆمەكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلىش كېرەك، ئويۇن تىزىملىكىنى توختىماستىن يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك. ئۇ دەل مۇشۇنداق پەيتتە شىددەت بىلەن پۇرسەتنى تۇتۇۋالغان. شىكسپېرنىڭ ئىجادىيىتى دەل ۋاقتىدا ئورنىنى تېپىپ رولىنى جارى قىلدۇرالىغان.

ئەينى چاغدا ئەنگىلىيىدە ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن دراماتورگ مەلرىينىڭ«تېمۇر» ناملىق درامما ئەسىرى ئەنگىلىيەلىكلەرنى زىلزىلگە كەلتۈرگەن. شىكسپېر مەلرىينىڭ ئۆزى بىلەن يۇرتداش ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئاتىسىنىڭ مۆتىۋەر ئەمەس بەلكى ناھايىتى ئاددى قول-ھۈنەرۋەن ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشقان. ئېنىقكى مەلرىينىڭ تەسىرىدىن ھاياتىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، ئارتىسلىقتىن سىرت يەنە درامما يېزىشنى سىناپ بېقىشنى، يەنى مەلرىيدەك ئەنگىلىيە ئېپىك ئەسەرلىرىنى يارىتىشنى قارار قىلغان.

شىكىسپېر ياراتقان «ھېنرى ئالتىنچى» لوندوندا قويۇلغاندا، كۆرۈرمەنلەر زالغا پاتماي قالغان، ئويۇن قويۇش ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ درامما يېزىش بىلەن ھاياتلىق كەچۈرگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئاددى ۋە لىرىك ، بىرەر جۈملىنىمۇ ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز بولۇپ، كىشىلەرگە راھەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ شىكسپېرنىڭ كىرىمىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ تىياتىرخانىنىڭ پايچېكىغا ئايلانغان. 1599-يىلى لوندوندا ئەڭ ھەشەمەتلىك تىياتىرخانا «يەر شارى تىياتىرخانىسى» قۇرۇلغان بولۇپ، شىكسپېرمۇ مەبلەغ سېلىپ، تىياتىرخانىنىڭ ئوندىن بىر ھەسسىدارلىق ھوقوقىغا ئىگە بولغان. ئۇ يۇرتىدا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ، دادىسى ئۈچۈن يېزا تۆرىسى ئىمتىيازىنى ئىلتىماس قىلىپ، جەمەتىنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىغا يەتكەن.