چەتئەللىك ئون چوڭ ماۋ زېدۇڭ مەستانىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-03-26 15:00

20-ئەسىردىكى دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە، ھېچقانداق بىر رەھبەر ماۋ زېدۇڭغا ئوخشاش دۇنيانىڭ بىردەك ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولمىدى. بىر قىسىم غەرب ئىلىم ئەھلىلىرى ماۋ زېدۇڭنىڭ تۆھپىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ دۇنيادىكى مەستانىلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ. بۈگۈنكى جاھان چولپانلىرىمىزدا ماۋزىدۇڭنىڭ دۇنيادىكى داڭلىق چوقۇنغۇچىلىرىنى بىر ئاڭلاپ باقايلى

1.كانادالىق دوختۇر بىتيۇن

ماۋ زېدوڭغا بەرگەن باھاسى: ئۇ بىر تەڭداشسىز تالانت ئىگىسى، چوقۇم بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ. ماۋ زېدوڭ چەتئەلدە تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى بولغان«تۇرمۇش» ژورنىلى ئارقىلىق چەتئەللەرگە تونۇلغان، شۇنىڭدىن كېيىن ماۋ زېدۇڭنىڭ بەش يۇلتۇزى نيۇيورك ۋە ئامېرىكىدا چاقنىدى، كېيىنچە ياۋروپاغا، جەنۇبى ئامېرىكىلاردىمۇ پارلىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-70يىللىرىدا، ماۋ زېدوڭنىڭ غەرب جەمئىيىتىگە بولغان تەسىرىمۇ ئىنتايىن زور بولغان. ئامېرىكا، ياۋروپالاردا ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرەتلىرى گېزىتلەرنىڭ باشماقالىسىدا، داڭلىق ژۇرناللارنىڭ باش بېتىدە بېسىلغان.

2. بوكس شاھى تايسىن

تايسىن«ماۋ زېدوڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە» نى يادقا بىلىدۇ! تايسوننىڭ مۈرىسىگە ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتى چېكىلگەن.

بوكس شاھى تايسىننىڭ ماۋ زېدوڭغا بولغان باھاسى: ماۋ رەئىس بىزدىن ئايرىلىپ كەتتى، ئەمما ئۇ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە بارلىق قان-تەرىنى جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن سەرپ قىلدى، بىز مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ رەھبەرگە ئېھتىرام بىلدۈرەلىگىنىمىزدىن ئىپتىخارلىنىمىز.

3.پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بېنەزەر بۇتتو(Benazir Bhutto)

بىنەزەر بوتتۇ ماۋزىدۇڭغا «بۇنداق ئادەمدىن مىڭ يىلدا بىرى تۇغۇلۇشى مۇمكىن» دېگەن ئەڭ يۇقىرى باھانى بەرگەن.

ماۋ زېدوڭغا بولغان باھاسى: ماۋ زېدوڭغا ئوخشاش بۇنداق ئادەم، بىر ئەسىردە، بەلكىم مىڭ يىلدا بىرى تۇغۇلۇشى مۇمكىن، ئۇلار تارىخ سەھنىسىگە چىقىپ، تۇغما تالانتى بىلەن تارىخ ياراتتى. شۈبھىسىزكى، ماۋ زېدوڭ گىگانتلار ئىچىدىكى زور گىگانت. ئۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈرىكىگە ئىز سالدى. ماۋ زېدوڭ ئىنقىلاب ئوغلى، ئۇنىڭ ئىدىيەسى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى ۋە ھەر مىللەت خەلقلىرىگە يول كۆرسىتىدۇ. پەقەت جۇڭگو مىقياسىدىلا باھا بېرىلسە، تازا مۇكەممەل بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇ جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن بۈيۈك ئىشلارنى قىلىپ بەردى، ماۋ زېدۇڭ بىر دۇنياۋى رەھبەر. ماۋزېدۇڭنىڭ ئىسمى مەڭگۈگە ئېزىلگۈچى ۋە نامرات خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋە ئادالەتپەرۋەر ئىشلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۆرەشلەر بىلەن تەڭ يادلىنىدۇ، بىز پاكىستان خەلقى ماۋ زېدۇڭنى ھۆرمەت بىلەن مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.

4.ئامېرىكىلىق داڭلىق سىياسىئون كىسسنگېر (Henry Kissinger)

ئۇنىڭ ماۋ زېدوڭغا بەرگەن باھاسى: قىزىم چوقۇنىدىغان چولپاننى كۆرگەندە ھاياجانلانغانلىقىدىن نېمە قىلىشىڭىزنى بىلەلمەيسىز دادا دەيتتى، لېكىن مەندە ئۇنداق تۇيغۇ بولۇپ باقمىغان، لېكىن ماۋ زېدۇڭنى كۆرگەندە مەن شۇنداق تۇيغۇدا بولدۇم.

5.نانتۋېش دوكتۇر

تىزىملىككە كىرىش سەۋەبى: ماۋ زېدۇڭنىڭ ۋاپات بولغىنى ئۈچۈن ئازاپ چېكىپ، ياش تۆككەن ھەقىقىي مەستانە

ئۇنىڭ ماۋ زېدوڭغا بەرگەن باھاسى: بەش ئالتە ياش ۋاقتىمدىن باشلاپلا ماۋ زېدۇڭغا قىزىقىپ قالغان ئىدىم. ھېلىھەم يادىمدا، ماۋ زېدوڭنىڭ قازا قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ياش تۆككەن ئىدىم. ئىككىنچى كۈنى بىرىنچى سائەتلىك دەرس تارىخ دەرسى ئىدى، ھەممەيلەن دەرسنى توختىتىپ ماۋ زېدۇڭغا تەزىيە بىلدۈرگەن ئىدۇق. ئەينى ۋاقىتتا نورغۇنلىغان غەربىي گېرمانىيە ياشلىرى ماۋزېدۇڭنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى.

6. ئامېرىكىلىق جۇڭگو مەسىلىلىرى مۇتەخەسىسى ر. ترايېر

ئۇنىڭ ماۋ زېدوڭغا بولغان باھاسى:ئۇ 20-ئەسىردىكى جەلپكارلىقى ئىنتايىن زور بولغان سىياسىئون، ئۇنىڭ كەچمىشلىرى ئۇنى ماركىس، ئېنگىلىس ۋە ستالىننىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ۋەكىلىگە ئايلاندۇردى.

7. ئامېرىكىلىق يازغۇچى سمېدلېي

ماۋ زېدۇڭغا بولغان باھاسى: جۇڭگو كومپارتىيەسىدىكى باشقا رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسىنى دۇنيا تارىخىدىكى تارىخىي شەخىسلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ، ئەمما ماۋ زېدۇڭغا ھېچكىم يېتەلمەيدۇ.

8. ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى ياردەمچىسى فىلىپ داۋىدسون

ماۋ زېدۇڭغا بولغان باھاسى: ماۋ زېدوڭ بۈيۈك بىر سىتراتېگىيەچى. قايسى بىر داھىي ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاشۇنداق مۇرەككەپ توقۇنۇشلار ئىچىدە ھامان غالىب ئورۇندا تۇرۇپ كېلەلىگەن؟

9. ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى چاۋېز

تىزىملىككە كىرىش سەۋەبى: خىيۇگو چاۋېز دېگەن بۇ ئىسىم خەلقئارادا بارغانسىرى ياڭرىماقتا، ئۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، يېڭىچە بىر خىل سوتسىيالىزىم قۇرۇپ چىقماقچى بولغان. «بۈيۈك رولچى ماۋ زېدوڭ»،«سىتراتېگىيە جەھەتتە دۈشمەننى كۆزگە ئىلماسلىق» دېگەنگە ئوخشاش گەپلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قويىدىغىنى، ئۇ بۇ سۆزلەرنىڭ ماۋ زېدوڭنىڭ مەلۇم بىر ئۈزۈندىسىنىڭ «ماۋ زېدوڭ تاللانما ئەسەرلىرى» نىڭ قايسى يېرىدىن ئېلىنغانلىقىنى دەپ بېرەلەيدۇ. بۇ جەھەتتە نورغۇن جۇڭگولۇقلارمۇ ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ.
ماۋ زېدوڭغا بولغان باھاسى: بىر ئۆمۈر ماۋ زېدوڭنىڭ چوقۇنغۇچىسىمەن.