چېخوف
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-06-25 11:59

چېخوف 1860-يىلى 29-يانۋار رۇسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئازوۋ دېڭىزىغا يېقىن روستوف ئوبلاستىنىڭ مەركىزى تاگانروگ شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1879- يىلى چېخوف موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ دوختۇرلۇقتا ئوقۇيدۇ. 1880-يىلى 9-مارت نەشىردىن چىققان «يىڭناغۇچ» ناملىق يۇمۇرلۇق ئەسەرلەر ژۇرنىلىنىڭ 10-سانىدا چېخوفنىڭ «ئوقۇمۇشلۇق قوشنامغا يېزىلغان خەت» دېگەن ھېكايىسى ۋە «رومان ۋە پوۋىستلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىدىغىنىمىز نېمە؟» دېگەن يۇمۇرلۇق ئېپىزوتى ئېلان قىلىنىدۇ. مانا بۇ چېخوفنىڭ ئەدەبىي ھاياتىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. چېخوفنىڭ مۇنەۋۋەر يۇمۇرلۇق ھېكايىلىرى چوڭقۇر مەزمۇنغا ۋە مۇكەممەل سيۇژىتغا ئىگە ئەسەرلەر بولۇپ، چار پادىشاھ رۇسىيىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ رەزىل ئەپت بەشرىسى ئېچىپ بېرىلىپ، ئىستىبدات يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ خەلققە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى ئۆتكۈر تىللار بىلەن قامچىلىنىدۇ. 1884-يىلى چېخوف ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، موسكۋانىڭ شەھەر ئەتراپىدا دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ، پۇرسەت تاپسىلا دېھقانلار، پومىشچىكلار، ئەمەلدارلار، ئوقۇتقۇچىلار دېگەندەك جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر بىلەن قويۇق ئارلىشىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، چېخوفنىڭ شۆھرىتى كۈندىن كۈنگە ئاشقانلىقتىن، 1888-يىلى ئۆكتەبىردە چار رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇنىڭغا ئەڭ ئالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتى بولغان «پۇشكىن مۇكاپاتى» نى بېرىدۇ.

19-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، رۇسىيە جەمئىيىتىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي زىددىيەتلەر كۈندىن-كۈنگە ئۆتكۈرلىشىشكە باشلايدۇ. يېڭى تارىخىي شارائىتقا دۇچ كەلگەن چېخوفمۇ دەۋر قەدىمىگە ماس ھالدا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە پائال ئىشتراك قىلىدۇ. چېخوفنىڭ بۇ مەزگىلدە يازغان پوۋېست، ھېكايىلىرىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:«دېھقان»، «يېڭى داچا»، «كاماندۇرۇپكىغا چىقىش»، «جىلغىدا» قاتارلىق ئەسەرلەردە ئەينى دەۋردىكى رۇسىيە يېزىلىرىنىڭ نامرات، قالاق ۋە نادانلىق ھالىتى، يېزىلاردىكى بايلار ۋە نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن پەرق ۋە زىددىيەتلەر تەسۋىرلىنىپ، نادان ۋە بېكىنمە ھالەتتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ستىخىيىلىك رەۋىشتە پەيدا بولغان نارازىلىق ۋە بىزارلىق كەيپىياتى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلىدۇ. چېخوف يەنە داڭلىق دراماتورگ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىجادىيەت ھاياتىنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدە «ئىۋانوف»، «چايكا»، «ۋانىيە تاغا»، «ئۈچ ئاچا- سىڭىل»، «گىلاسلىق باغ» قاتارلىق كۆپ پەردىلىك درامىلارنى يازىدۇ. چېخوف ئۇلۇغ ئەدىب بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنى كېسەل ئازابىدىن قۇتقۇزۇشقا بېغىشلىغان داڭلىق دوختۇر ئىدى. ئۇ جامائەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، دائىم مېلىخوف ۋە يالتا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ نامرات دېھقانلارنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈپ قويىدۇ. 1892-يىلى روسىيىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خولېرا كېسىلى تارقالغاندا، ئۇ مېلىخوف ناھىيىسىدىكى داۋالاش پونكىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، 25 كەنت، تۆت زاۋۇت ۋە بىر موناستىردىكى كېسەللىك ئەھۋالىنى تىزگىنلەپ، قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدىلا مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ كېسىلىنى داۋالايدۇ. جامائەت ئىشلىرىغا قىزغىن ئىشتراك قىلىش چېخوفنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىكى بىر خىل يۈكسەك ئېتىقادى ۋە غايىسى ئىدى. 1903- يىلى 11-ئايدا سالامەتلىكى ناچارلاشقان چېخوف دەم ئېلىپ داۋالىنىش ئۈچۈن يالتاغا بارىدۇ. 1904-يىلى 6-ئايدا چېخوفنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ ۋە ئۇ موسكۋا بەدىئىي تىياتىرخانىسىنىڭ تالانتلىق ئارتىسى، سۆيۈملۈك ئايالى ئولگا كىنىپپېرنىڭ ھەمراھلىقىدا گېرمانىيەگە بېرىپ داۋالىنىدۇ. ئەمما ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقتىن، تېخى ئەمدىلا 44 ياشقا كىرگەن بۇ ئۇلۇغ ئەدىب شۇ يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى گېرمانىيىدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ.