دوكتورلار ئالبۇمى-خەمىت ھېمىت
مەنبەسى:     |تەھرىر:ئەنۋەر|     يوللانغان ۋاقىت: 2010-10-25 08:45

 

خەمىت ھېمىت 1960-يىلى 5-ئايدا چېرا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمىتى يۆتكىلىش سەۋەبىدىن بۆرتالاغا كۆچۈپ كېلىپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شۇ يەردە تاماملىغان. 1978-يىلى 10-ئايدىن 1983-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1996-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى تەرىپىدىن ماگىستىرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 1999-يىلى 4-ئايدا ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. 2000-يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇغراپىيە ئىلمى ۋە بايلىق ئىلمى تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2001-يىلى 5-ئايدا پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلى 9-ئايدا دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

پىروفېسسور خەمىت ھېمىت خىزمەتكە قاتناشقاندىن بېرى تولۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا «مۇھىت ئىلمى»، «تەبىئىي بايلىقشۇناسلىق »، «بايلىق ۋە سىجىل تەرەققىيات»، «سىستېما قۇرۇلۇشى»، «تەبىئىي ئاپەت تەتقىقاتى»، «تەبىئىي ئاپەتشۇناسلىق»، «بوستانلىق، يەر ۋە ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تەتقىقاتى»، «قۇرغاق رايون سۇ بايلىقى تەتقىقاتى»، «بايلىقنى ئېچىش ۋە مۇھىت تەتقىقاتى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. ئۇ يەنە دوكتورئاشتى، دوكتور ۋە ماگىستىرلاردىن تەشكىللەنگەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى قۇرۇپ چىققان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت نۇقتىلىق ئۇل تەتقىقات تېمىسى «973» تەتقىقات تۈرى، دۆلەت تەبىئي پەنلەر فوندى تەتقىقات تېمىسى بولغان كۆپلىگەن تەتقىقات تۈرلىرىدىن «تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىق سۇ بايلىقىنى ئىشلىتىش ۋە يەر ئۈستى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىش توغرىسىدىكى تەتقىقات»، «غەربىي شىمال قۇرغاق رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەڭشەش» قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان. جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىدىكى « ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە مۇھىت مەسىلىسى تەتقىقاتى»، جۇڭگو-ياپونىيە ھەمكارلىقىدىكى «كېرىيە دەرياسى ھاۋزىسىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى» قاتارلىق تەتقىقات تۈرىگە جۇڭگو تەرەپ بىرىنچى قول ۋەكىلى بولۇپ يېتەكچىلىك قىلغان. «كۇچا ناھىيەسىنىڭ يېزا-بازار، يەر-زېمىن بايلىقىنى دەرىجە بېكىتىپ باھالاش» ناملىق تەتقىقات نەتىجىسى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «تارىم دەريا ھاۋزىسىدا سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ھىدرولوگىيەلىك تەسىر توغرىسىدا تەھلىل» تېمىسىدىكى ماقالىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىق ۋە قۇملۇق ئۆتكۈنچى بەلبىغىنىڭ مۇھىت ئۆزگىرىشىنى يىراقتىن سىزىش تەتقىقاتى» ناملىق ماقالىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

خەمىت ھېمىت ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات تۈرىدىن ئۈچكە، خەلقئارالىق ھەمكارلىق تۈرىدىن بىرگە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق ئۆتكەل تۈرىدىن بىرگە، ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرىدىن ئۈچكە ھەم كۆپلىگەن نازارەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلماقتا. ئۇ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەم ئۆزى مۇستەقىل يازغان «سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە مۇھىت مەسىلىسى»، «بوستانلىقنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە مۇھىتنىڭ سىجىل تەرەققىياتى» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەردىن بەشنى تاماملىغان. «مۇھىتشۇناسلىق»، «يەر-زىمىن بايلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش» قاتارلىق دەرسلىك كىتابلارنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، تۆت قېتىم تەكلىپكە بىنائەن چەت ئەللەردىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدا زىيارەت ۋە ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇشتا بولغان. بىر قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىنغا ۋە بىر قېتىملىق دۆلەت دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرناللاردا 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان.

خەمىت ھېمىت ئىزچىل ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدا تۇرۇپ، تولۇق كۇرس، ماگىستىر ۋە دوكتورلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن بىرلەشتۈردى. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ساياھەت ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى، تەشكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىش ئىشلىرىغا قان-تەرىنى سەرپ قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوقۇتۇش ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىدىن بەشنى ئېلان قىلدى. 1991-يىلى «ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇشىدىكى ئىلغار شەخس»، 1992-يىلى «ئىلغار پارتىيە ئەزاسى»، 1993-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە مەكتەپ تەرىپىدىن بىر قېتىم 1-دەرىجىلىك، ئىككى قېتىم 2-دەرىجىلىك «گۇاڭخۇا ئالاھىدە مۇكاپاتى» غا، 1999-يىلى «شياۋداۋكاڭيۈ مۇكاپاتى» غا، 2003-يىلى «باۋگاڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە «ئالىي مەكتەپلەر ئىقتىساسلىقلار مۇكاپاتى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي نەتىجە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. كۆپ قېتىم «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتى» غا ۋە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئى پەنلەر مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

خەمىت ھېمىت ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق رايونلار سىجىل تەرەققىياتى» خەلقئارالىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، بوستانلىق ئېكولوگىيەسى دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بايلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي جۇغراپىيە پەنلىرى دوكتور يېتەكچىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ غەربتىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانىغا تاللانغان شەخس ھەمدە مائارىپ مىنىستىرلىقى ساياھەت كەسپى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو جۇغراپىيە ئىلمى جەمئىيىتى تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ساياھەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.

 

ئۆز مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرىنىڭ «دوكتورلار ئالبۇمى» ناملىق يۈرۈشلۈك ماقالىسىدىن ئېلىندى.