دوكتورلار ئالبۇمى-ئەنۋەر سەمەت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر|     يوللانغان ۋاقىت: 2010-10-25 15:08

 

ئەنۋەر سەمەت 1971-يىلى 7-ئايدا پەيزىۋات ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا ئوقۇغان. 1988-يىلى 9-ئايدىن 1993-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1995-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، فولكلور ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، فولكلور، مەدەنىيەتشۇناشلىق ئىلمىي بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.                                            
  ئەنۋەر سەمەت ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا ھەمدە فولكلور، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات، ئەپسانەشۇناشلىق، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە ئەرەب تىللىرى بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۇنىڭ «قىسقىچە ئەرەپ تىلى گىرامماتىكىسى» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە يازغان)، «ئۇيغۇرلاردا فامىلە»، «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.

 

ئۆز مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرىنىڭ «دوكتورلار ئالبۇمى» ناملىق يۈرۈشلۈك ماقالىسىدىن ئېلىندى.