سەيپىدىن ئەزىزى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-29 23:06
 
 
سەيپىدىن ئەزىزى 1915-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاتۇشتا مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى تاشاخۇن ئەزىزى ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر زات، مىللىي كاپىتالىست، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مەرىپەت ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى، بىلىملىك زات ئىدى. تاشاخۇن ئەزىزى رۇسىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ، ئۇ يەرلەردىن ئىلغار ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، يۇرتىدا ئەينى چاغدىكى ئاسىيا بويىچە كەم ئۇچرايدىغان سەرەڭگە زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ يەنە ياۋروپادا ئۆگەنگەن تېخنىكىلىرىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېلىپ بوياقچىلىق زاۋۇتى قۇرغان. جەنۇبىي شىنجاڭ بازىرىدا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولغان. بولۇپمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ مەرىپەت ھەرىكىتىنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە، يۇرتىدا يېڭى تىپتىكى مەكتەپ قۇرۇپ، يېڭىچە ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان.
دادىسىنىڭ بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىق بىلەن توختىماي مەرىپەتكە ئىنتىلىش روھى سەيپىدىن ئەزىزىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئاخىرى دادىسىغا ئوخشاش مىسلىسىز جاپا-مۇشەققەتلىك يولىدا مېڭىشىغا ئىلھام بەرگەن. ئانىسى سارىخانمۇ ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس، ئادەمگەرچىلىكى بار ئايال ئىدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بىر قەدەر قالاق يېزىدا دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ساۋاتلىق، ئاق كۆڭۈل، كەمتەر ۋە خۇش پېئىل بولغاچقا ھەم دوختۇرلۇقنى ياخشى بىلگەچكە، يۇرتداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. سارىخان سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دىلىغا تۇنجى ئىلىم سالغان ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىدا ۋە ئەسلىمىسىدە ئەڭ سەمىمىي ھېسىياتى بىلەن ئانىسىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ۋە سېغىنىش ھېسىياتىنى ئىپادىلىگەن.
سەيپىدىن ئەزىزى ياش چېغىدىلا خەلق ئاممىسىنىڭ زۇلمەتتىن ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا ئېلىپ بارغان مەشھۇر قەشقەر قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. ئارقىدىنلا يەنە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان يېڭى مەدىنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مائارىپ مەرىپەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلغان. يېڭى تىپتىكى مەكتەپ قۇرغان. ئاتۇشنىڭ تېجەن يېزىسىدا قۇرۇلغان يېڭى تىپتىكى مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان.