تۆمۈر داۋامەت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-29 23:30
 
 
تۆمۈر داۋامەت 1927-يىلى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ توقسۇن ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن ئۆز يېزىسىدا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تۆمۈر داۋامەت ئازادلىقتىن كېيىن دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە يېڭى يېزا قۇرۇش ئازادلىقتىن كېيىن دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە يېڭى يېزا قۇرۇش ھەرىكەتلىرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېزا باشلىقى، رايون باشلىقى، ھاكىم، ناھىيلىك پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەن، 1965-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 1977-يىلدىن كېيىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى قاتارلىق رەھبەرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. ئۇ، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇليىتىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلانغان.
تۆمۈر داۋامەت رەھبىرىي كادىر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تىرىشچان شائىر. ئۇ، 1963 - يىلى ئېلان قىلغان «قارىغاينىڭ خىسلىتى» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە خىزمىتى ئالدىراش بولسىمۇ، ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان. «سەپەر تەسىراتلىرى»، «باھار ئىلھامى»، «قىزىلگۈل»، «كۈلگىن، قەشقەر»، «سالام ۋە ئۈمىد»، «قەلب كۈيى»، «كۈيلەيمەن سېنى شىنجاڭ»، «كۇچا تەسىراتلىرى» قاتارلىق شېئىرلار ۋە «ئامان بىلەن ئەختەر» داستانى شائىر ئىجادىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. تۆمۈر داۋامەتنىڭ شېئىرلىرى رېئال ھايات قايناملىرىدىن كەلگەن بولۇپ، مول تۇرمۇش مەزمۇنىغا، روشەن مۇھەببەت-نەپرەتكە، پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە تولغان. تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئەسەرلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا خېلى كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ «يۈرەك ناخشىلىرى»، «يۇرت مۇھەببىتى»، «ھايات مەشئىلى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان. «ھايات مەشئىلى» قاتارلىق شېئىرلار توپلىنىنىڭ ماۋزۇسىنى باش سېكرېتار جياڭ زېمىن يېزىپ بەرگەن. تۆمۈر داۋامەتنىڭ بىر مۇنچە شېئىرلىرى يەنە قازاق، ئۆزبىك، رۇس، ياپون تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ تۇنۇشتۇرۇلغان، جۈملىدىن «يۈرەك ناخشىلىرى» ۋە «يۇرت مۇھەببىتى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياپنىيىدە نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ شېئىر ۋە شېئىر توپلاملىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.
تۆمۈر داۋامەت يالغۇز ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىگىمۇ ناھايتى كۆڭۈل بۆلدى. تۆمۈر داۋامەتنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئەسەرلىرىدىن باشقا، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «تىيانشان شادلىقى» (1982-يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، «ۋەتەنگە مۇھەببەت» (1987-يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، «دەۋر ئىلھاملىرى» (1991-يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ھايات مەشئىلى» (1992-يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار.
تۆمۈر داۋامەت جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى.