ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-30 01:30
 
 
ئالىيجاناپ غايە، يۈكسەك تالانت، ئېگىلمەس-سۇنماس قەيسەر ئىرادىگە ئىگە ۋەتەنپەرۋەر شائىر‏- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901-يىلى 2- ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرپان ناھىيە يېڭىشەھەردىكى ئابدۇراخمان مەخسۇم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1933-يىلى جاللات شېڭشىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
 ئۇ مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ، ئائىلىسىدە مەكتەپ يېشىغا يەتمەيلا ساۋاتىنى چىقىرىۋالغان . ئابدۇخالىق دەسلەپ بىر مەزگىل دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىپ، شەرق ئەدەبىياتنىڭ نامايەندىلىرى ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان.
  ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچىدىكى چوڭ شەھەرلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەمەي (ھازىرقى سىمپىلاتىنسكى) قاتارلىق شەھەرلىرى، سانكىت پېتىربورگ، ھەتتا شەرقىي ياۋروپالارغا سودا ئىشلىرى بىلەن بېرىپ-كېلىپ تۇرغان. شائىر 1916-يىلى چوڭ دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ روسىيگە بارغان. ھەر قېتىم بارغىنىدا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. شائىرنىڭ بىلىمىگە بولغان تەشنالىقى ۋە چەت ئەللەرگە قىلغان سەپەرلىرى ئۇنى روس، ئەرەب، پارىس تىللىرىنى پىششىق بىلىش پۇرستىگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىجىتمائى تەرەققىياتىنىىڭ ھەر خىل باسقۇچلىرىدا ھەر خىل سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان خەلىقلەر ۋە مىللەتلەر، سىنىپ ۋە تەبىقىلەر بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۇلارنى چۈشىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغان. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى رۇسىيگە قىلغان سەپەرلىرى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلغان مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ئۇ جاھانگىرلار مۇستەملىكە تالىشىپ قىلغان ئادالەتسىز ئۇرۇشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. روسىيە پرولېتارىياتىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنى قوزغاش يولىدا ئېلىپ بارغان ئەمەلىي ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھەتتا، ئۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىنىمۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.