ئىسمايىل ئەھمەد
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-01-26 15:26

 

 

ئىسمايىل ئەھمەد، ئۇيغۇر، 1935-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، چىرا ناھىيەسىدىن. 1953-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، 1952-يىلى 3-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان، مەخسۇس كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە.

ئىسمايىل ئەھمەد 1952-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يەر ئىسلاھاتى چېنىقتۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان، چىرا ناھىيەسىدە ئىجارە كېمەيتىش، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش ۋە يەر ئىسلاھاتى خىزمىتىگە قاتناشقان. 1954-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە چىرا ناھىيەسىنىڭ 4-رايونىدا ئىتتىپاق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، ناھىيەلىك ئىتتىپاق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1956-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە چىرا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ھاكىمى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1960-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان). 1963-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 1966-يىلىدىن 1967-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەدەنىيەت مائارىپ سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1967-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ دەسلەپكى تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1969-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەدەنىيەت مائارىپ سەھىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1972-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى (ئەينى چاغدا بىرىنچى سېكرېتار تەسىس قىلىنغان)، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1979-يىلىدىن 1985-يىلىغچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغان. 1986-يىلىدىن 1988-يىلىغچە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1988-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1993-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1998-يىلى 3-ئايدىن 2003-يىلى 3-ئايغىچە دۆلەت كومىسسارى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 2003-يىلى 3-ئايدا 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلانغان.

ئىسمايىل ئەھمەد 10-، 11-، 12-، 13-، 14-، 15-، 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان، 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان. 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.