ئەركىن ئىمىرباقى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-01-26 16:06
 
 
ئەركىن ئىمىرباقى، ئەر، ئۇيغۇر، 1953-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ قەشقەر يېڭىسار ناھىيەسىدىن. 1980-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن،1971-يىلى 3-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. غەربىي شىمال يېنىك سانائەت ئىنىستىتۇتى يېنىك سانائەت 2-فاكولتېتى سىلىكات تۇزلىرى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئادەتتىكى سىنىپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1971-يىلى 3-ئايدىن 1972-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ناھىيەسى شەرق شامىلى گۇڭشىسىدا قايتا تەربىيە ئالغان. 1972-يىلى 9-ئايدىن 1974-يىلى 10-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنە زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1974-يىلى 10-ئايدىن 1977-يىلى 10-ئايغىچە، غەربىي شىمال يېنىك سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ يېنىك سانائەت 2-فاكولتېتى سىلىكات تۇزلىرى كەسپىدە ئوقۇغان. 1977-يىلى 10-ئايدىن 1984 -يىلى 1-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنە زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى، سېخ مۇدىرى، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى، مۇۋەققەت زاۋۇت باشلىقى بولغان. 1984-يىلى 1-ئايدىن 1986-يىلى 11-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان. 1986-يىلى 11-ئايدىن 1992-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1987-يىلى 3-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھەرلىك تاشقى ئىقتىساد-سودا كومىتېتىدا مۇدىر ياردەمچىسى بولۇپ ۋەزىپە بىلەن چېنىققان. 1989-يىلى 5-ئايدىن 1992-يىلى 2-ئايغىچە، جۇڭگو-سوۋېت تاشكەنت خەلقئارا چايدان چەكلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ دېرېكتورى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ۋاقىتلىق سېكرېتارى بولغان). 1992-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 11-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى بولغان. 1994-يىلى 11-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-سودا كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1997-يىلى 5-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە، دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرغان). 1997-يىلى 7-ئايدىن 1999-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماشىنسازلىق ئېلېكترون سانائىتى نازارىتى (دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىشخانىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، نازىرى (مۇدىرى) بولغان. 1999-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 1-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 2001-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2001-يىلى 10-ئايدىن 2004-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2004-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 2008-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.