كۆرەش مەخسۇت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-01-26 18:01
 
 
كۆرەش مەخسۇت، ئەر، ئۇيغۇر، 1960-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ گۇمىدىن، 1984-يىلى 1-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1977-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
كۆرەش مەخسۇت 1977-يىلى 1-ئايدىن 1977-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى تەلىم-تەربىيە ئەترىتىدە ئوقۇغان. 1977-يىلى 9-ئايدىن 1979-يىلى 2-ئايغىچە ئازادلىق ئارمىيە ئۆلچەش-سىزىش ئىنستىتۇتى ئاۋىئاتسىيىلىك ئۆلچەش فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1979-يىلى 2-ئايدىن 1980-يىلى 9-ئايغىچە ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى 2- ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى خەرىتە ئەترىتىدە ئۆلچەش-سىزىش خادىمى بولغان. 1980-يىلى 9-ئايدىن 1982-يىلى 2-ئايغىچە گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى ئاۋىئاتسىيىلىك ئۆلچەش ئىچكى كەسپىي ئەترىتىدە تېخنىك بولغان. 1982-يىلى 2-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى 2-ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى خەرىتە ئەترىتىدە مۇئاۋىن ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 5-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئوقۇتۇش باشقارمىسى، ئىشتىن سىرتقى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان. 1988-يىلى 5-ئايدىن 1992-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ كادىرى بولغان. 1992-يىلى 12-ئايدىن 1993-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى 3-باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1993-يىلى 2-ئايدىن 1996-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش 2-ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1996-يىلى 1-ئايدىن 1998-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1998-يىلى 10-ئايدىن 2000-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان (1996-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 12-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان). 2000-يىلى 4-ئايدىن 2003-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان. 2003-يىلى 1-ئايدىن 2007-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (2001-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان). 2007-يىلى 12-ئايدىن 2008-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
2008-يىلى 2-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.