مەھمۇد قەشقەرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-01-27 17:22

 

 

مەھمۇد قەشقەرى (مەھمۇد كاشغەرى) مىلادى 11-ئەسىرلەردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى، ئىنسكىپىلودىك، ئۇنىڭ دۇنياغا مەشھۇر «دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) ناملىق ئەسىرى بار.

مەھمۇد قەشقەرى مىلادى 1008-يىلى بۇگۈنكى قەشقەر شەھىرى ئوپال يېزىسى ئازىغ كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، قاراخانىيلار خان جەمەتى ئەۋلادىدۇر. ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك ئالىم، ئەدىب، دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى. تەخمىنەن مىلادى 1008-يىلى تۇغۇلۇپ 1105-يىلى 97 يېشىدا ۋاپات بولغان. ھاياتىدا نۇرغۇن تالىپ ۋە شاگىرت يېتىشتۈرۈپ چىققان. مىلادى 1072-1074-يىللىرى ئابباسىيلار خەلىپىلىگىنىڭ پايتەختى باغداد شەھرىدە دۇنياۋىي بۈيۈك ئەسىرى دىۋانۇ لۇغەتەت تۈركنى تاماملىغان ھەمدە 1076-يىلى قايتا تۈزىتىپ، ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27-خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان. ئالىم 11-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن. ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان. 96-97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» 2008-يىلىنى «دۇنيا مەھمۇد قەشقەرى يىلى» قىلىپ بېكىتكەن.