يۈسۈپ خاس ھاجىپ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-01-27 17:32

 

 

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم، مۇتەپەككۇر، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019-يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. ئەدىب ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462-يىلى (مىلادىيە 1069-يىلى) قەشقەردە يېزىپ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. قاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق ئۈنۋانى بېرىپ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان. ئەدىب مىلادىيە 1085-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.

ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻐﺎ ئﯘﻝ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﻰ ئۈچ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﺪﻯ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ، ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠىدى. ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ، ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ.

ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 410-ﻳﯩﻠﻰ بالاساغۇندا ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 478-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺒﺎﻍ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ «ﺑﺎﺭﯨﮕﺎﮬ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 514-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ جايغا ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.