ئەلىشىر ناۋايى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-01-27 17:41

 

 
بۈيۈك شائىر، مۇتەپەككۇر نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋايى مىلادى 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھېرات (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى تۆمۈرىيىلەر سارىيىغا يېقىن كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن بارلاسمۇ خوراسان شاھى ئۇبۇلقاسىم بابۇر سارىيىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان.
تۆمۈرىلەر پادىشاھى شاھرۇھ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەۋج ئالغان تاج-تەخت تالىشىش ئۇرۇشلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ناۋايى ئائىلىسىنىڭ ھېراتتىن ئىراقنىڭ تەفىت شەھىرىگە كۆچۈشى سەۋەبلىك، ئەلىشىر ناۋايىغا ئۆز ئوقۇشىنى تەفتىدە داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئۇ تەفت شەھىرىدە 15-ئەسىرنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەردە بولدى. ئالىم ئەلىشىر ناۋايىنىڭ يۇقىرى تالانتى ۋە ئۆتكۈر ئەقىل-پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىلھام بەردى. شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچرىشىش ناۋايىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش بولدى.
ئەلىشىر ناۋايى 12-13 ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسى ۋاپات بولۇپ، ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قولىدا قالىغان ۋە ئۇنىڭ تەربىيىسىدە بولغان. 15 يېشىدىن باشلاپ شائىرلىق بىلەن شۆھرەت قازانغان ياش ئەلىشىر ھۈسەيىن بايقارا (سۇلتان ساھىبقىران ھۈسەيىن باھادىرخان، 1469-يىلى ھېراتتا تەختتە ئولتۇرغان، 1505-يىلى ۋاپات بولغان، مەشھۇر شائىر، بىرمۇنچە شېئىر ۋە غەزەللەرنى يازغان) بىلەن بىللە ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. 1456-يىلى بابۇر بىلەن بىللە مەشھەدكە بارغان. 1457-يىلى بابۇر ئۆلگەندىن كېيىن، ھۈسەيىن بايقارا تەخت ئىگىلەش ئۈچۈن كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش نىيىتىدە مەرۋىگە كەتكەن. ناۋايى مەشھەدتە قېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ يەردە ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر شائىرى كامال تۇرباتى بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتقان.
ئەلىشىر ناۋايى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، زامانىدىكى دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابىدۇر. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ئەسەرلىرى چاغاتاي ئۇيغۇرچىسى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققى قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
ئەلىشىر ناۋائىي گەرچە نۇرغۇن تەڭدىشى يوق مۇھەببەت مىسرالىرىنى يازغان بولسىمۇ ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن. 1501 يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 60 يېشىدا ھېراتتا ۋاپات بولغان.