لۇتفى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-01-27 17:46
 
 
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ 15-ئەسىرىدىكى يېتەكچى نامايەندىسى مەۋلانا لۇتفى (1366-1465) ھېراتتا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بىر يىل كەم بىر ئەسىرلىك ھاياتىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان. ئۇنىڭ «گۇل ۋە نەۋرۇز» ناملىق داستانى ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر. نەۋايى لۇتفىغا «ئۆز دەۋرىنىڭ مەلىكۇل كەلامى» (سوز پادىشاھى) دەپ نام بەرگەن. لۇتفى ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى نامەلۇم.