سەككاكى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-01-27 17:56
 
مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، داڭلىق پىداگوگ ۋە يازغۇچى سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ ئىبىن ئەبۇ بەكرى ئەل خارەزمى سەككاكى 1160-يىلى تۇغۇلۇپ، 1228-يىلى ۋاپات بولغان.
سەككاكى ئىسمىنىڭ بېشىغا قويۇلغان خارەزىم دېگەن جاي ئىسمىغا، شۇنداقلا ھازىرقى چاپچال ناھىيىسىنىڭ خۇنخەي دېگەن يېرىگە جايلاشقان مازارنىڭ سەككاكى نامى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭ خارەزىمدە تۇغۇلغانلىقى ۋە ئالمىلىق (ئىلى)دا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
سەككاكى ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا ئىلىم-پەنگە ئىشتىياق باغلاپ تىرشىپ ئۆگەنگەن. دىنىي ئىلىم، تىل-ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە)، تىبابەت ئىلمى قاتارلىق پەنلەردە كامالەتكە يەتكەن. ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەپ، پارىس تىلىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن. مۇزىكا ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ «بايات» مۇقامىنى ئىجاد قىلىپ، «9-ئۇستاز» دەپ شۆھرەت قازانغان.
چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن ئۆز ھۆكۈمۈرانلىقىدىكى جايلاردا دۆلەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى، ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە مەدەنىيەت مائارىپ ئەرباپلىرىنى قويغان بولۇپ، شۇ چاغدىكى چاغاتاي خانغا مەسلىھەتچى بولغانلار ئىچىدە يۈسۈپ سەككاكىمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىجتىھات قىلىشى ئارقىسىدا چاغاتاينىڭ ئوردىسى جايلاشقان ئالمىلىقتا ھەرخىل مەكتەپلەر ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى تەسىس قىلىنىپ، مائارىپ ئىشلىرى زور تەرەققى قىلغان، قەشقەر، بۇخاراغا ئوخشاشلا ئالمىلىقمۇ ئاسىيا بويىچە ئىلىم-پەن مەرگەزلىرىگە ئايلانغان.
سەككاكى ئوردا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە بىر تەرەپتىن بىلىملىك كىشىلەرنى ئالمىلىققا توپلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپ ئىچىشقا پائال يېتەكچىلىك قىلغان. بىر تەرەپتىن دەرىس ئۆتسە، يەنە بىر تەرەپتىن دەرىسلىك تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ «مۇفىتا ھۇل ئۇلۇم» (ئىلىملەر ئاچقۇچى) ناملىق يىرىك ئەمگىگى تىل-ئەدەبىيات، لوگېكا، ئىستېتىكا، پەلسەپە، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، تارىخ، تېبابەت ئىلمى، مۇزىكا ئىلمى قاتارلىق 13 تۈرلۈك ئىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ مەزمۇنىنىڭ كەڭ ھەم چوڭقۇرلىقى، قايىل قىلىش كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدا كەم تېپىلىدىغان قىممەتلىك مەدەنىي مىراس بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چاغاتاي دەۋرىدىكى مەرىپەت يۇلتۇزى، ھەققانىيەتچى، خەلق بىلەن تەقدىرداش ئالىم يۈسۈپ سەككاكى گەرچە ئۆز خەلقىنىڭ مەنىۋى ئازاتلىقى يولدا تەر ئاققۇزغان خانغا دۆلەت باشقۇرۇش، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش يولىدا ياخشى مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ، ئوردىدىكى مەرىپەت دۈشمەنلىرى، ھەسەتخور مەنسەپدارلارنىڭ چېقىمچىلىقى بىلەن زىندانغا تاشلىنىپ ئۈچ يىل زىنداندا يېتىپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. بۇ مەشھۇر ئالىم، داڭلىق پىداگوگنىڭ مازىرى ھازىرقى ئىلى ئوبلاستىنىڭ چاپچال ناھىيىسىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان.