فارابى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-01-27 18:13
 
 
فارابىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، فامىلىسى ئەبۇ ناسىر، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى «ئىككىنچى ئۇستاز». فارابىنىڭ «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشى ـ ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك ئورنى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن، ئارىستوتىل تەلىملىرىگە پىششىقلىقىدىن، ئارىستوتىل ئەسەرلىرىگە شەرھى يازغىنىدىن ھەم ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن كېيىنكى بۈيۈك پەيلاسوپ بولغانلىقىدىندۇر. شۇنداقلا ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تاراتقۇچىسى بولغانلىقىدىندۇر. ئارىستوتىل «بىرىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتالغاچقا، فارابى ئۇنىڭ ۋارىسى ھەم تەلىماتلىرىنىڭ تاراتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىككىنچى ئۇستاز» دېيىلدى. فارابى دىگەن بۇ نام ئۇنىڭ يۇرتى فارابدىن كەلگەن بولوپ، بۇ ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى بويىغا جايلاشقان بىر يەر ئىدى. بەزىلەر فارابى سىر دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ۋاسىچ كەنتىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋاسىچ كەنتى تەۋە بولغان فاراب ۋىلايىتى دىيىشكە مايىل. فاراب نامىدا باشقا شەھەرلەرمۇ بار. بىرى تۈركىستاندا. يەنە بىرى پىرسىيەدە. ئىبن خەللىكان ۋە بەزى تارىخچىلار فارابى تۈركىستاننىڭ فاراب شەھرىدە تۇغۇلغان دەيدۇ. ئىبنى نادىم ئۆزىنىڭ فارابى ئالەمدىن ئۆتۈپ 38 يىلدىن كېيىن يازغان «كىتابلار مەجمۇئەسى»دە: فارابىنىڭ يۇرتى پىرسىيەنىڭ فاراب شەھىرى، ئۇنىڭ ئاتىسى پارىس، ئانىسى تۈرك. دەيدۇ. فارابى 870-يىلى تۇغۇلۇپ، 950-يىلى ۋاپات بولغان.
فارابى ئۆز يۇرتىدا ماتىماتىكا، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى ھەم پارس تىلى، گېرىك تىلى، ئەرەپ تىلىنى ئۈگەنگەن. ھىجىرىيە 310-يىلى ئىراققا كەلگەن ۋە بۇ يەردە پەلسەپە، لوگىكا، تىبابەت، ماتىماتىكا، مۇزىكا ھەم ئەرەپ تىلى قاتارلىق مۇھىم تىللارنى ئۈگەنگەن. نۇرغۇن تارىخچىلار فارابىنى 70 خىل تىل بىلەتتى دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇ گەرچە سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولسىمۇ، فارابى ئۆز دەۋرىدە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان كۆپ قىسىم ئەدەبىي تىللارنى ئۈگەنگەن. بولۇپمۇ ئۇ ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى، پارس تىلى ۋە ئالىملار، ھۈنەرۋەنلەر تىلى بولغان گرىك تىلىغا بەك پىششىق ئىدى. ئۇنىڭ ئەرەب تىلىنى بىلىشىمۇ مۇشۇ تىلدا شېئىر يازالىغۇدەك سەۋىيەگە يەتكەن. ئۇ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى پەيلاسوپلسر ۋە ماتىماتىكلارنىڭ ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلاردۇر.
فارابى ھىجىرىيە 330-يىلى ئىراقتىن سۈرىيەنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئۇ يەردە پادىشاھ سەيپۇل دەۋلە ھەمەدانى بىلەن ئۇچراشقان. پادىشاھ فارابىنىڭ ئىستىداتىغا قايىل بولۇپ ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلغان. فارابى بۇ يەردە ئوقۇتۇش ۋە ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ تەخمىنەن ھىجىرىيە 338-يىلى ئەتراپىدا بىر قىتىم مىسىرغىمۇ بېرىپ كەلگەن. زور كۆپچىلىك تارىخچىلار: فارابى ھىجىرىيە 339-يىلى دەمەشىقتە ئالەمدىن ئۆتتى دەپ قارايدۇ. پادىشاھ سەيفۇل دەۋلە ئون بەش نەپەر ئەلەمدار ھەم قەلەمدارلىرىنى باشلاپ، فارابىنىڭ نامىزىغا قاتناشقان ۋە ئۇنى دەمەشىق شەھىرىنىڭ «كىچىك دەرۋازا» سىرتىغا دەپنە قىلغان. فارابىنىڭ تاللىۋالغىنى تەركىيدۇنيا، ئىقتىسادچىل تۇرمۇش ئىدى.ئۇ توي قىلمىغان بولۇپ، تۇرمۇشى غورىگول ئۆتكەن ئىدى. ھەر كۈنى پادىشاھ سەيپۇل دەۋلە خەزىنىسىدىن خىراجىتىگە پەقەت تۆت دەرھەم ئېلىشقىلا ئۇنايتى. فارابى پىكىر يۈرگۈزۈش ئۈچۈن يالغۇزلۇقنى ياقتۇراتتى.
فارابىنىڭ زور بىر قىسىم تىرىشچانلىقى پەلسەپە تەتقىقاتىغا قارىتىلغان. بولۇپمۇ گېرىك پەلسەپىسىدىكى ئارىستوتىل پەلسەپىسىنى ۋە ئارىستوتىل ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ئۇ ناھايىتى كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلغان ئىدى. ئىبن خەللىكاننىڭ يازغىنىغا كۆرە، فارابى ئارىستوتىلنىڭ «روھ ھەققىدە» دىگەن كىتابىنىڭ ئۈستىگە ئۆز قەلىمى بىلەن، «بۇ كىتابنى يۈز قېتىم ئوقۇدۇم» دەپ يېزىپ قويغان. خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، فارابى يەنە: «پەيلاسوپ ئارىستوتىلنىڭ ‹فىزىكا› ناملىق كىتابىنى مەن قىرىق قىتىم ئوقۇدۇم، بىراق يەنە چوقۇم ئوقۇشۇم كېرەكتەك ھىس قىلىمەن» دىگەنمىش.
فارابىنىڭ ئەرەب ئىلىم-پېنىگە قوشقان تۆھپىسى:
فارابى - ئەرەب دۇنياسى پەلسەپە تەتقىقاتىنىڭ ھەقىقىي پىشىۋاسى. بۈگۈنكى كۈندە بىز ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ تۇنجى ئاساسچىسى دەپ ئاتايدىغان ئىلىم ئىگىسى دەل مۇشۇ ئادەم. ئۇنىڭدىن كىيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەرەب پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىسى ئىچىدە ئۇنى چىقىش نۇقتا قىلمىغان ئىدىيە يوق دىيەرلىك. فارابى - پەلسەپە تارىخى ۋە ھەر قايسى مەزھەپ مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن ئادەم. ئۇ يەنە ئەپلاتۇن بىلەن ئارىستوتىل ئارىسىدىكى ئوخشاشمىغان قاراشلارنى مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە كۈچىگەن. سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئۇنىڭ شۆھرىتى ھەرگىز پەلسەپە ساھەسىدىكى ئورنىدىن تۆۋەن ئەمەس. مۇزىكا ئىلمى جەھەتتە، فارابى ئۆز دەۋرىنىڭ تالانت ئىگىسى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ «مۇزىكا دەستۇرى» دىگەن مەشھۇر بىر ئەسىرى بار. ئىبن خەللىكان ئۇنى «قالۇن» دىگەن چالغۇنىڭ ئىجادچىسى دەپ ھىساپلايدۇ.