داڭلىق ناخشا چولپىنىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
مەنبەسى:باس-باس چولپانلار سەيناسى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-11-21 18:53

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكرى چوڭقۇر، ھېسسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي، لىرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ھاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشرەپلىرى قۇچىقىدا ئۆتكەچكە، ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا،سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. 1987- يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى تىياتىر فاكۇلتېتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناھىيىسىگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يوشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ - دە، ئۇنى سەنئەت ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىدۇ. شۇ يىلى 9 - ئايدىن ئېتىبارەن ئۇ ھەقىقىي سەنئەت ھاياتىنى باشلىدى. ئۇ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ناخشا سەنئىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ناخشا ئورۇنداش جەھەتتە ئۆزگىچە ئاھاڭ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماھارەت يېتىلدۈردى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991- يىلى 7 - ئايدا ئۇقۇشىنى تاماملاپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارلىغان«غېرىپ - سەنەم» ئوپېراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئىلياسنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللاندى. 1992 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئوپېرا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم گەرچە تىياتىر ئارتىسى بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلگە تونۇلغان تالانلىق ناخشىچىدۇر. ئۇ ئورۇنلىغان«سىرلىق تۇمان، ئۇچراشقاندا، ۋاپادارىم، مۇئەللىم، كېچەلەيمەن، ئايرىلىش، كۆزۈڭنى ياشلىما، تۇنجى سۆيگۈ، سېغىنىش كۈيلىرى» قاتارلىق ناخشىلار تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغاپ، ئابدۇللانىڭ خەلق ئىچىدىكى شۆھرىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1994 - يىلدىن ھازىرغىچە «سىرلىق تۇمان، سۈكۈتتىكى سادا، پەرۋانەڭ بۇلاي» قاتارلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى،«شېرىن چۈش، تۇنجى سۆيگۈ» قاتارلىق بىر قانچە MTVسى نەشر قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا 1998 - يىلى 4 - ئايدا پاكىستانغا ئويۇن قويغىلى بېرىپ، ئېقىن سۇدەك سۈزۈك ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن شۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. 1998 - يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ « مۇنەۋۋەر ناخشىچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. يەنە شۇ يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن«يېڭى ئادەم، يېڭى ئەسىر ناخشا مۇسابىقىسى» غا قاتنىشىپ، ئاممىباب ئۇسلۇبتا ناخشا ئېيتىش بۇيىچە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى ھەمدە 1 - دەرىجىلىك ناخشىچى بولۇپ باھالاندى. 1999 - يىلى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىدە «ياشلىق كۈيى» دېگەن ناخشىنى خەنزۇچە ئورۇنلاپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى. 1999 - يىلى 9- ئايدا گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى دراما بايرىمى» دە تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك رەھبەرلىرى بىلەن ئويۇن قويغىلى بارغان ئابدۇللا ناخشىلىرىدىكى مىللىيلىك ھەم ئاممىبابلىق بىلەن شۇ ئەل خەلقلىرىگە ئۆزىنى تونۇتتى. ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى، يارقىن سىياسى گېرمانىيە سەھنىلىرىدە پەيدا بولدى. بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىلگىرى كىيىن بولۇپ» شادىمان دوستلار، بۇ كىشىنى تونۇمسىز» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى، «گۇناھسىز جىنايەتكار، كېيىنكى ئاتا» قاتارلىق درامىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پېرسوناژلارنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە«ئۇچرىشىش، شېكەر شەنبە، پۇل، ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» قاتارلىق ئېپىزوتلاردا ئوخشىمىغان يۇمۇرلۇق خاراكتېرگە ئىگە ئوبرازلارنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ناھايىتى يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەقىقەتەنمۇ ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق سەنئەتكار بولۇپ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ناخشا ئېيتىش، دراما - ئېپىزوتلاردا رول ئىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، يەنە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ،«قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش، ئاي گۇۋاھ، ئۇر توقماق، كۈلكىگە يوشۇرۇنغان يىغا» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ۋە بۇ فىلىملەرنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ھېسسىياتقا باي ئاجايىپ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان. ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن، كۈتۈلمىگەندە ھازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچراشتى. ئۆز - ئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇردى. ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ھېسسىياتقا باي لىرىك ناخشىلىرى، ئېغىر - بېسىق مىجەز - خاراكتېرى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئامىنەمۇ 1988 - يىلى«بويتاقلار ئائىلىسى» ناملىق ھېكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئېلىپ ئابدۇللانى ھاياجانغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 1988 - يىلنىڭ ئاخىرى مۇھەببەت باغلاپ، كېيىنكى ساۋاقداشلىق ھاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى. 1991 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ بىرلىكتە شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەمدە 1992 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى بەختلىك ھالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.