يۈەن دەۋرىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىسى گۈەن يۈنشى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-01-21 10:05

سادىر سابىر نەزەرى

جۇڭگو تارىخىدا يۈەن سۇلالىسىنىڭ قورۇلۇشى بىلەن يېڭى بىر ھاكىمىيەت بارلىققا كېلىپ، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جىن سۇلالىلىرىنىڭ ئۆزئارا تىركىشىشىدىن بۇيانقى زەئىپ، قالاق ۋە پارچىلىنىش ھالىتىدىكى جەمئىيەت تۈزۈلمىسىگە خاتىمە بېرىلىپ، بۈيۈك جۇڭخۇا ئېلىنىڭ كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجىلىنىشى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. يۈەن دەۋرى ئېلىمىز ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ زور دەرىجىدە راۋاجلانغان ئالاھىدە بىر باسقۇچى بولۇپ، مەشھۇر يۈەن دىراماتورگىيەسى ئەنە شۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى. شېئىرىيەت ۋە نەسرچىلىكتىمۇ خېلى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر بارلىققا كەلدى.

مانا شۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ياراتقۇچىلىرى تەركىبىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەدىبلىرىمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، مەشھۇر نەسرىي غەزەل يازغۇچىسى گۈەن يۈنشى (مىلادىيە 1286-1324)مۇ ئالىي ھۆرمەت بىلەن تىغا ئېلىنىدۇ. بىر «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» ۋە «يۈەن سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى» ناملىق كىتابلاردىن بۇ ئاتاقلىق يازغۇچىنىڭ تەرجىمىھالى توغرىسىدا خېلى تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئىگە بولىمىز. گۈەن يۈنشىنىڭ ئەسلى ئىسمى شاۋ يۈنشى خەييا (خەنزۇچە يېزىلىشى 云石海亚) بولۇپ، بۇنىڭغا قارىغاندا يۇنۇس ھەييا بولۇشى مومكىن. تەخەللۇسى سۈەنجەي (ئاچچىق-چۈچۈك) بولۇپ، ھازىرقى جىمىسار ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ بوۋىسى يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىر بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ئاتىسى گۈي جىگېمۇ جياڭشى ئۆلكىسىدە چوڭ ئەمەلدار بولۇپ ئۆتكەن. يۈەن سۇلالىسىنىڭ پۇقرالىق ئىمتىياز دەرىجىسى بويىچە ئالغاندا موڭغۇللار، رەڭدار كۆزلۈكلەر، خەنزۇلار، جەنۇبلۇقلاردىن ئىبارەت تۆت خىل ئايرىمىنىڭ ئىچىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك مىللەتلەر ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بولۇپ، موڭغۇللار قەدىمكى ئويغۇر يېزىقىنى ئۆز يېزىقىغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن دۆلەت يېزىقى قىلىپ بەلگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نورغۇنلىغان ئالىملىرىنى، ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى، سىياسىئونلىرىنى ۋە ئەدىب، تەرجىمانلىرىنى يۈەن ئوردىسىغا يىغىپ، ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئىمتىياز بەرگەن. بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ يۈەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گۈەن ئائىلىسى ئەنە شۇلارنىڭ بىر تىپىك مىسالىدۇر.

گۈەن يۈنشى ياش ۋاقتىدا كۈچلۈك، باتۇر، جەڭ ماھارىتىگە پىششىق، ئەسكەر باشقۇرۇشتا كەسكىن، قابىل سەركەردە ئىدى. ئۇ گەرچە يۇقىرى تەبىقىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن نام-ئاتاق ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك قابىلىيەتكە ئىگە ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىققان. ئۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا مىراسخور بولۇشىنى خالىماي ئورنىنى ئىنىسى خۇدۇ ھەيياغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، يۇرتىدىن ئايرىلىپ، شۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ياۋسۈينى ئۇستاز تۇتقان ئىدى. بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان يۈەن خانى رېنزۇڭ ئۇنى ماختاپ، ئۇنىڭغا ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن ئەمەل بەرگەندە، يوشۇرۇن ھالدا جېجياڭنىڭ چيەنتاڭ دېگەن يېرىگە قېچىپ بېرىپ، ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، دورىگەرچىلىك كەسپى بىلەن شوغۇللانغان.

گۈەن يۈنشىنىڭ تالانتى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىدى. ئۇ قابىل سەركەردە بولۇپلا قالماستىن، تالانتلىق خەتتات، ئۇستا دورىگەر، بۇددا پەلسەپىچىسى (يازغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى) ۋە مەشھۇر نەسرىي شەكىلدىكى غەزەل يازغۇچى بولۇش بىلەن بىللە، ئۆزى تۇرغان رايون خەلقىگە يېقىندىن تونۇشلۇق بولغان ئۇستا مۇزىكانت ئىدى. ئۇ شىنجاڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئىچكى رايون خەلقلىرىگە تونۇشتۇرۇپ، خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئەمما گۈەن يۈنشى يەنىلا نەسرىي غەزەل يېزىشتا مەشھۇردۇر. نەسرى غەزەللەر يۈەن دەۋرىدە ئومۇملاشقان، قاپىيەلىك تۈس ئالغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى شېئىرى شەكىل بولۇپ، قىتان (لياۋ) سۇلالىسى ۋە جىن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ، غەربىي شىمال ۋە شىمالدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، قىتان قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى بىلەن شىمالىي جۇڭگو خەلق ناخشىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى ۋە بىرىكىشى ئاساسىداشەكىللەنگەن، دۇنياغا مەشھۇر يۈەن دىراماتورگىيەسىنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىمۇ بۇنىڭ بىلەن زىچ باغلانغاندۇر.

نەسرىي شەكىلدىكى غەزەلدىن ئىبارەت بۇ ژانىر بىلەن شۇغۇللانغان يازغۇچىلارنىڭ بىزگە مەلۇم بولغانلىرى جەمئىي 200 دىن ئارتۇق، گۈەن يۈنشى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر، تىلى راۋان ھەم مەردانە بولۇپ، خەلق ناخشىلىرىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك، كىشىگە ھېسيات بېغىشلايدۇ. بۇ ھەقتە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ. گۈەن يۈنشى ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى خەنزۇ تىلىدا يازغان. ئۇنىڭ فامىلىسى ۋە ئىسمىنىڭ خەنزۇچە بولۇشى، شۇنىڭدەك خەنزۇ تىلىدا يېزىقچىلىق قىلىشى، ئۇنىڭ بىر ئاز سانلىق مىللەت كىشىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەنزۇلار رايونىدا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ، خەنزۇ مىللىتىنىڭ تەسىرىنى زور دەرىجىدە قوبۇل قىلغانلىقىدىن بولغان. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، يۈەن دەۋرىنىڭ بۇ خىل يېڭى ژانىرى يۇقىرى تىل سەۋىيىسىنى تەلەپ قىلاتتى، گۈەن يۈنشى مانا بۇ ئۆلچەمگە يەتكەن، ھەتتا ئۆزىنى جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدا مەشھۇر قىلىپ تونۇتالىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يۈەن دەۋرىدە ياڭ چاۋيىڭ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «باھار قارلىرى» ۋە «تەيپىڭ مۇزىكا مەھكىمىسى» دېگەن توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ مۇشۇ كىتابلارغا ئەسەرلىرى ئەڭ كۆپ كىرگۈزۈلگەن ئاپتور ھەم «باھار قارلىرى»نىڭ كىرىش سۆزىنى يېزىپ بەرگۈچى بولغان. گۈەن يۈنشى خەنزۇ كىلاسسىكلىرىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان، دەۋرداشلىرىنى ئۇستاز ھەم دوست تۇتقانىدى. ئۇ يۈەن دەۋرىدىكى شۇ زەيسى (تەخەللۇسى تيەنجەي، يەنى تاتلىق) ۋە ياڭ چاۋيىڭلار بىلەن ئىنتايىن يېقىن كەسىپداش دوستلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ دوسىتلىقى ھازىرغا قەدەر كىشىلەر تەرىپىدىن مەدھىيەلىنىپ كەلمەكتە.گۈەن يۈنشى بىلەن شۇ زەيسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ياڭ چاۋيىڭ بۇ ئىككىيلەننىڭ ئەسەرلىرىنى توپلام قىلىپ تۈزۈپ «سۈەن تيەن مۇزىكا مەھكىمىسى» دەپ نام بەرگەنىدى.

گۈەن يۈنشى پەقەت 39 ياشلا ياشىغان بولسىمۇ، ئۇ، بۇ قىسقىغىنە ئۆمرىدە ھەر تەرەپلىمىلىك تالانتىنى كۆرسىتىپ، جاپالىق ئەمگەكلىرى بىلەن جۇڭخۇا ئېلىنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.