مەرھۇم ئۇستاز باقى ھاجى يۈسۈپنىڭ تەرجىمھالى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-04-17 11:04

 

ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مۇتەخەسىسىسى مەرھۇم ئۇستاز باقى ھاجى يۈسۈپ 1933- يىلى خوتەن لوپ ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى بۇيا يېزىسىدا تېۋىپ ئائىلىسىدا تۇغۇلغان. 

 

ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياش چاغلىرىدا، ئۆز يۇرتىدا تېبابەتچىلىككە دائىر دەسلەپكى ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كېيىن دادىسىغا ئەگىشىپ خوتەن، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا تېۋىپلىق قىلغان. 1981-يىلىدىن باشلاپ ئاپتونۇم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن ھەم ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي تەجىربىسىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش بىر قەدەر قىيىن ھەم مۇرەككەپ بولغان ھەزىم قىلىش سېستىمىسى كېسەللىكلىرى، قان تومۇر سېستىمىسى كېسەللىكلىرى، نەپەس يولى، سۈيدۈك يولى سېستىمىسى كېسەللىكلىرى ۋە بوغۇم ئاغرىقى كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا كۆرىنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن ھەم تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.

«ئادىراسمان مەلھىمىنىڭ يېڭى دورا تەتقىقاتى» ۋە «غەيرىي تەبئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى كىلىنكىلىق دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ۋە تەجىربىلەرنى ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش» قاتارلىق ئاپتونۇم رايونلۇق، دۆلەتلىك پەن-تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم «زۇكام جەۋھىرى»، «قۇۋۋىتى ئەلا ئىچىملىكى»، «ئانار شەربىتى»، «قىزىلگۈل گۈلقەنتى»، «چايلىق»، «سىيادان مېيى» قاتارلىق دورىلارنى يېڭى دورا ئۆلچىمىگە كىرگۈزۈپ، كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشىگە ئاساس سالغان. سەھىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى» نى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. 2003-يىلى ئېچىلغان خەلقئارالىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك يىغىنىنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. 26 پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.