بالقان ئۇرۇشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-30 18:21

 

1912-يىلىدىن 1913-يىلىغىچە تۈركىيەنىڭ بالقاندىكى تەۋەلىكى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئۇدا ئىككى قېتىم بالقان ئۇرۇشى يۈز بەردى، بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ ئاتالدى.

بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بالقان ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چىرىكلەشكەن ئوسمانىيە تۈرك ئىمپېرىيەسى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ بالقاندىكى ھەر قايسى ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. بالقاندىكى ھەر مىللەت خەلقى تۈركلەرنىڭ فېئوداللىق زۇلۇمىدىن ۋە دېنى زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بىرلىككە كەلگەن مىللىي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا تەشنا ئىدى. 1911- يىلى ئىتالىيە بىلەن تۈركىيە ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى بالقان ئەللىرىدىكى تۈركىيەگە قارشى كۈچلەرنىڭ بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. 1912- يىلى 3- ئايدا سېرۋېيە بىلەن بۇلغارىيە تۈركىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. ئارقىدىنلا گىرېتسىيە بىلەن مونتېنېگرومۇ بۇ ئىتتىپاققا كەينى-كەينىدىن كېرىپ، بالقان ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈردى. 1912- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى تۈركىيە ماكېدونىيە بىلەن فراكىيىگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن ئالدى بىلەن مونتېنېگرو تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلدى. 10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە سېرۋېيە، بۇلغارىيە ۋە گرېتسىيىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۇرۇش تەييارلىقى كەمچىل تۈركىيە قوشۇنى ئۈچ تەرەپتىن دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلغارىيە قوشۇنى ئاساسىي كۈچ قىلىنغان ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئادەم سانى ۋە قورال-ياراغلار جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇرۇش جەريانىدا كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. 10- ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بۇلغارىيە قوشۇنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپول ئەتىراپىغىچە ئىلگىرىلەپ باردى. تۈركىيە دەرھال كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىنى سورىدى. 12- ئاينىڭ 3- كۈنى بۇلغارىيە، سېرۋېيە، مونتېنېگرودىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كىلشىمى ھاسىل قىلدى. كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش شەرتىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 1913- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۇرۇش ئوتى قايتىدىن ياندى. ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئانىنا، ئادرىئانوپل ۋە شكودېرنى كەينى-كەينىدىن ئالدى. تۈركىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئارىغا كېرىپ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا تۈركىيە بىلەن بالقان ئىتتىپاقىدىكى تۆت دۆلەت لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. تۈركىيە بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن كونستانتىنوپول بىلەن فراكىيىدىن ئىبارەت ئازغىنە تەۋەلىكىدىن باشقا ياۋروپادىكى ئۆزىگە قاراشلىق بارلىق تەۋەلىكلىرىدىن مەھرۇم بولدى. ئالبانىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى تۈركىيەنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى 500 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى.

لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ سىياھى قۇرىماي تۇرۇپلا 2-قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى پارتلىدى. بۇ بالقان ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسىسى ئەللەرنىڭ زېمىن تالىشىش يولىدىكى سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن بالقان ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا غەلىبە مىۋىلىرىنى تەقسىملەش تۈپەيلىدىن تالاش-تارتىش يۈز بەردى. سېربىيە ئادرىئاتىك دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن بۇلغارىيىدىن ماكىدونىيە زېمىنىنىڭ بىر قىسىمىنى كېسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. گىرېتسىيە ماكىدونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى ۋە فراكىيىگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. رومىنىيىمۇ جەنۇبىي دوبروجانى ئىگىلەش ئارزۇسىدا ئىدى. ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گۇرۇھىمۇ ئارىغا چاتكىردى. 1912- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى سېربىيە بىلەن گىرېتسىيە بۇلغارىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى، ئارقىدىنلا رومىنىيىمۇ بۇ ئىتتىپاققا كىردى. شۇ يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى بۇلغارىيە ئارمىيەسى ماكىدونىيەدە تۇرۇشلۇق سېربىيە، گىرېتسىيە قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇشنى باشلىۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي مونتېنېگر بىلەن تۈركىيەمۇ سېربىيە، گىرېتسىيە ، رومىنىيە تەرەپتە تۇرۇپ، بۇلغارىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. بۇلغارىيە ئارمىيەسى تۆت تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى.

7-ئاينىڭ ئاخىرىدا سېربىيە، گىرېتسىيە ، رومىنىيە قوشۇنلىرى بۇلغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيىگە يېقىنلاپ باردى. بۇنىڭ بىلەن بۇلغارىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1913-يىلى 8-ئاينىڭ 10 كۈنى بۇلغارىيە، سېربىيە، مونتېنېگرو، گىرېتسىيە رومىنىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت بۇخارىستتا تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شەرتنامىگە بىنائەن، بۇلغارىيە ئۆزىنىڭ ماكىدونىيە ۋە فراكىيىدىكى كۆپ قىسىم زېمىنىدىن، شۇنداقلا جەنۇبىي دوبروجادىن مەھرۇم قالدى، تۈركىيەمۇ كېيىنچە بۇلغارىيە-تۈركىيە شەرتنامىسىگە ئاساسەن ئادرىئاپولنى قايتىدىن ئىشغال قىلدى.

ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بوسنىيىلىكلەر بىلەن گرېتسېگوۋىنالارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولدى. ئۇلار ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، سېربىيەگە قوشۇلۇپ، بۈيۈك سېربىيە دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. رۇسىيە تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىدە ئۇلارنى قوللىدى. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسى بولسا سېربىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇردى. تېخى سېربىيەنى يۇتۇۋېلىشقىمۇ ئۇرۇنۇپ، گېرمانىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاۋسترىيە-سېربىيە قوشۇنى مۇقەررەر يوسۇندا ئاۋسترىيە-رۇسىيە توقۇنۇشىنى، شۇنداقلا ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بىلەن ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنى پەيدا قىلدى. ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گورۇھىنىڭ بالقاندىكى كۈچ سىنىشىش كۈرىشى بالقاننى ياۋرۇپانىڭ پۇرۇق (پارتلاتقۇچى دورا) ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇخارېست تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بالقان مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۇشتۇمتۇتلا پارتلىدى.