بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-30 18:25
  
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جاھانگىر دۆلەتلەر مۇستەملىكىلەرنى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈش، دۇنياغا خوجايىنلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش مەقسىتىدە ياۋروپا ، ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرىدە ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق دۇنياۋى كۆلەملىك جاھانگىرلار ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇش قىلغۇچى ئىككى تەرەپ ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيىنى يادرو قىلغان ئەھدىلەشكۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيەنى يادرو قىلغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت بىر-بىرىگە زىت ئىككى چوڭ ھەربىي گۇرۇھ بولدى. 19-ئەسىر بىلەن 20-ئەسىر ئارىلىقىدا دۇنيادىكى ئاساسىي كاپىتالىستىك دۆلەتلەر كەينى كەينىدىن جاھانگىرلىك باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىش سىياسىتىنى پائال تۈردە يۈرگۈزدى. ھەر قايسىسى ئەللەر ئارىسىدىكى مۇستەملىكە تالىشىش ۋە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش كۈرىشى كۈنسايىن كەسكىنلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىقتەك قانۇنىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە گېرمانىيە، ئامېرىكا، ياپونىيەدىن ئىبارەت كېيىن گۈللەنگەن ئۈچ جاھانگىر دۆلەت ئەنگلىيە، رۇسىيە ، فىرانسىيە قاتارلىق كونا مۇستەملىكىچى جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ دۇنيادىكى كۆپ قىسىم مۇستەملىكلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىدەك ھالەتتىن ئىنتايىن نارازى بولۇپ، دۇنيانى قورال كۈچى ئارقىلىق بۆلۈشۈۋېلىشنى تەلەپ قىلاتتى. 1882-يىلى ۋە 1907-يىلى ياۋروپادا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئىتتىپاق تۈزۈشكەن ئۈچ دۆلەت گۇرۇھى بىلەن ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت ئەھدىلەشكەن ئۈچ دۆلەت گۇرۇھى شەكىللەندى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆرۈلگەن ماراكەش بوھرانى (1905-يىلىدىن 1906-يىلىغىچە)، بوسىنىيە بوھرانى (1908-يىلىدىن 1909-يىلىغىچە)، بالقان ئۇرۇشى (1912-يىلىدىن 1913-يىلىغىچە) قاتارلىق خەلقئارا بوھرانلار ۋە توقۇنۇشلار ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ گۇرۇھ ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى كۈنسايىن كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.
1914- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھى فرانىس فردېناند، بوسىنىيەنىڭ پايتەختى سارايېۋودا سېربىيە مىللەتچىلىرى گۇرۇھىدىكى پولىنىشىپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋەقە بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىغا پىلتە بولۇپ بەردى. 7- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى گېرمانىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سېربىيەگە قاتتىق شەرت قويۇلغان ئۇلتىماتۇم ئەۋەتتى. گەرچە سېربىيە ئۇلتىماتۇمدا ئېيتىلغان شەرتلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى يەنىلا ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدىن يانمىدى. 7- ئاينىڭ 28- كۈنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى سېربىيەگە جەڭ ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتتى. 7- ئاينىڭ 30- كۈنى رۇسىيە پۈتۈن مەملىكەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، سېربىيەنى قوللىدى. 8- ئاينىڭ 1- كۈنى گېرمانىيە رۇسىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى. 8- ئاينىڭ 3- كۈنى گېرمانىيە يەنە فىرانسىيىگىمۇ جەڭ ئېلان قىلدى. ئەنگلىيە 8- ئاينىڭ 4- كۈنى گېرمانىيە بىتەرەپ تۇرۇۋاتقان بېلگىيىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى، دېگەن باھانە بىلەن گېرمانىيەگە جەڭ ئېلان قىلدى. 8- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى رۇسىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن بۇلغارىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە سېپىگە قوشۇلۇپ ئۇرۇش قىلدى.