ئەنگلىيە-ئارگېنتىنا مالۋىناس ئۇرۇشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-02-16 14:02

 

 

1982-يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۇرۇش قىلغان.

مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى جەنۇبىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى ماگېللان بوغۇزىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، سولايدا ۋە چوڭ مالۋىناس ئارىلىدىن ھەمدە شۇ ئەتراپتىكى تەخمىنەن 200 چە كىچىك-كىچىك ئاراللاردىن تەركىب تاپقان، بۇ تاقىم ئاراللارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 11.961 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. نوپۇسى 2000 غا يەتمەيدىغان مالۋىناس ئاھالىسىنىڭ %97 ى ئەنگلىيىلىك. بۇ تاقىم ئاراللارنىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، جەنۇبىي ئۇلۇق ئوكياندىن تىنچ ئوكيانغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى بوغۇپ تۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئارال ئەتىراپىدا يەنە مول نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايلىقلىرىمۇ بار. 16-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىسپانىيىلىكلەر ئىسپانىيىلىكلەر بۇ تاقىم ئارالنى بايقىغان. 1690-يىلى ئەنگلىيىلىك بىر كاپىتان بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ ئاراللارنى فوركلاند تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىغان. 1767-يىلى فرانسىيىلىكلەر بۇ تاقىم ئارالنى قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ ئىسپانىيىگە سېتىۋەتكەن، مالوينېي تاقىم ئارىلى دېگەن سۆزمۇ ئىسپان تىلىنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە مالۋىناس تاقىم ئارىلى دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. 1816-يىلى ئارگېنتىنا ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا ۋارىسلىق قىلغانىدى. 1820-يىلى بۇ يەرگە قوشۇن ئەۋەتىپ تۇرغۇزدى. 1829-يىلى مالۋىناس قەلەمدارلار-ئەلەمدارلار بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. ئەنگلىيە 1833-يىلى ئارگېنتىنا ئىچكى مالىمانچىلىقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر ئارالنى قورال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلىۋالدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىر ۋاقىت جەريانىدا ئارگېنتىنانىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە بىلەن قايتا-قايتا سۆزلىشىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقوقىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى قەتئىي تەلەپ قىلدى. ئەنگلىيە قەتئىي رەت قىلىپ كەلدى. 1965- يىلى ۋە 1973-يىلى ب د ت ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2065- نومۇرلۇق قارارىنى ۋە 3160- نومۇرلۇق قارارىنى ماقۇللاپ، ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنانىڭ بۇ ئىختىلاپنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا گەرچە كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، ھېچبىر ئىلگىرىلەش بولمىدى. 70-يىللار بىلەن 80-يىللار ئارىلىقىدا مالۋىناس ئارىلىنىڭ ئەتىراپىدا زاپىسى مول نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايقالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ مەيدانى تېخىمۇ چىڭىپ كەتتى.