ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-02-16 15:35

 
 ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق فاشىست ئوق مەركىزى دۆلەتلەر بىلەن فاشىزىمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە دۇنيادىكى فاشىزىمغا قارشى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى 2-قېتىملىق يەر شارى كۆلەملىك ئۇرۇش.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشى ئارقىسىدا قوزغالدى. كۆپ قېتىملىق قىسمەن ئۇرۇش ئارقىلىق پەيدىنپەي ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقا ئاتلاندى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر ۋېرسال-ۋاشىنگتون سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. ھالبۇكى، كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق قانۇنىيىتىنىڭ رول ئوينىشى بىلەن ئەمەلىي كۈچى ئەسلىگە كەلگەن ۋە ئۇلغايغان گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر دۇنيانى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. 1929-يىلىدىن 1933-يىلىغىچە پۈتكۈل كاپىتالىزىم دۇنياسىنى قاپلىغان چوڭ ئىقتىسادىي بۆھران كاپىتالىزىم جەمئىيىتىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى ۋە گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى فاشىستلارنىڭ قەتئىي تۈردە ئۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن تەسىر دائىرىسىنى ۋە دۇنياغا خوجايىنلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش، ۋېرسال-ۋاشىنگتون سىستېمىسى بويىچە بەلگىلەنگەن خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزگەرتىش قارارىغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. 30-يىللارنىڭ بېشىدا ياپونىيە ۋە گېرمانىيەنى مەركەز قىلغان يىراق شەرق ۋە ياۋروپا ئۇرۇشى سىياسىتىنى پىلانلىغۇچى مەنبەلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيەلىكلەردىكى ئۇرۇش خۇمار فاشىستلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىر قاتار تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. 1931-يىلى ياپونىيە «18-سېنتەبىر ۋەقەسى» نى پەيدا قىلىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋالدى. 1937- يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنى يەنە جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىدى. گېرمانىيە ئاۋسترىيە بىلەن چېخوسلوۋاكىيەنى (1938-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە) يۈتىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىتالىيە بىلەن بىرلىشىپ، ئىسپانىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا قوراللىق ئارىلاشتى. (1936-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە) ئىتالىيە بولسا ئېفىئوپىيەنى (1936-يىلى) ۋە ئالبانىيەنى (1939-يىلى) ئىشغال قىلدى. ئۈچ فاشىستىك دۆلەت سىرتقا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ۋە كېڭەيمىچىلىك قىلىش جەريانىدا پەيدىنپەي تاجاۋۇزچىلار گۇرۇھى بولۇپ شەكىللەندى. 1936-يىلى 11-ئايدا گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە «كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمنامىسى» ئىمزالىدى، بىر يىلدىن كېيىن، ئىتالىيەمۇ كېلىشىمنامىگە قاتناشتى. 1940-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ ئۈچ دۆلەت بېرلىندا يەنە «ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاق شەرتنامىسى» ئىمزالاپ، بېرلىن-رىم-توكيو ئوق مەركىزىنى شەكىللەندۈردى. گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى تاجاۋۇز قىلىنغۇچى دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ باتۇرانە قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى دۇنيادا فاشىزىمغا قارشى زور كۆلەمدىكى تۇنجى جەڭ مەيدانىنى ئاچتى. ئەنگلىيە، فىرانسىيە ، ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ كۈنسايىن ئەشەددىيلىشىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقى ۋە كېڭەيمىچىلىكىگە قارىتا مۇرەسسە ماداراچىلىق سىياسىتىنى قوللىنىپ، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنى قوغداپ قېلىش غەرىزىدە فاشىستلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتتى، نەتىجىدە ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەن يولۋاس ئۆزلىرىگە ئېتىلىپ، بېشىغا بالا بولدى. گىتلېرنىڭ ناتسىستلار گېرمانىيەسى شەرقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ، غەربكە تۇتۇش قىلىپ، ئالدى بىلەن ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەگە ھۇجۇم قىلدى.