جۇڭگونىڭ 1966-يىلىدىكى تۇنجى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا كىم رىياسەتچىلىك قىلغان؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-03-28 13:58

 

 

  1966-يىلى 27-ئۆكتەبىر، يادرو ئوق بېشى قاچىلانغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن.

  1966-يىلى 27-ئۆكتەبىر، ئېلىمىز تۇنجى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىشلىگەن. باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھەرىكىتى نورمال بولغان. يادرو ئوق بېشى مۆلچەرلەنگەن ئارىلىقتا نىشانغا تېگىپ پارتلىغان.

  1966-يىلى 27-ئۆكتەبىر، تۇنجى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان. بۇنىڭغا مارشال نيې رۇڭجىن رىياسەتچىلىك قىلغان.

 1966-يىلى 27-ئۆكتەبىر، ئېلىمىز ئۆز زېمىنىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىشلىگەن. باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھەرىكىتى نورمال بولۇپ، يادرو ئوق بېشى نىشانغا تېگىپ پارتىلىغان.

  20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆزگىچە جاسارەت ۋە يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ ئاتومنى تەتقىق قىلىپ ياساش ھەققىدىكى مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىپ ياساش تەلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

  1955-يىلى 10-ئايدا، چيەن شۆسىن نۇرغۇن توسالغۇلارنى يېڭىپ ۋەتەنگە قايتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، مۇھىم بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان. چيەن شۆسىن مۇنداق دېگەن: «مەن <ئېلىمىز باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىشى كېرەك> دېگەن تەكلىپنى بېرىمەن. بۇ مۇھىم بىر ھەربىي قورال. ئۇنىڭ كەلگۈسى پارلاق».

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى چيەن شۆسىننىڭ تەكلىپىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. 1956-يىلى 4-ئايدا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئاۋىئاتسىيە پەن-تېخنىكىسى تەتقىقات ساھەسىدىكى مۇھىم ئاپپارات — دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئاۋىئاتسىيە سانائىتى كومىتېتى قۇرۇلغان. نيې رۇڭجىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، كومىتېت قارمىقىدا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقات ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغان. بۇ ئاكادىمىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ياساش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، چيەن شۆسىن ئاكادىمىيە باشلىقى بولغان. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىملار بۇ يەرگە يىغىلىپ، جاپا-مۇشەقەتلىك خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.

  60-يىللاردا، ئېلىمىز ئۇدا ئۈچ يىل تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغان، سوۋىت ئىتتىپاقى بارلىق ياردەمنى توختاتقان. تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئالدىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق بازىسىمۇ تەڭ قەدەمدە قۇرۇلۇشقا باشلىغان. پەن-تەتقىقات خادىملىرى ۋە قۇرۇلۇشچىلار چۆل-جەزىرە، سازلىقلار، گىياھ ئۈنمەس تاغلاردا، قېيىن شارائىتتا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

1960-يىلى 11-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ تۇپرىقىدا تۇنجى يېقىن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، پەن-تەتقىقات خادىملىرى داۋاملىق تىرىشىپ، يۇقىرى ئېنىگىرىيەلىك يېقىلغۇنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئىتتىرىش كۈچى ۋە سۈرئىتىنى تېزلەتكەن.

  1966-يىلى 27-ئۆكتەبىر، غەربىي شىمالدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق بازىسى مەيدانىدا، مارشال نيې رۇڭجىن «ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىرلەشتۈرۈلگەن يادرو سىنىقى» غا رىياسەتچىلىك قىلغان. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن. سائەت 9 دىن 9 مىنۇت 14 سكۇنت ئۆتكەندە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۆلچەرلەنگەن ئىگىزلىكتە پارتلىغان.

  ئېلىمىزنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇنلىغانلىقىنىڭ خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۆلەت شادلىققا چۆمگەن. بۇ يەنە بىر قېتىم يېڭى جۇڭگودا سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلەرنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان.

 

  تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى