جاللات گىتلېر ئىجاد قىلغان ۋەھشىي «بۆرە توپى تاكتىكىسى»
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-06-29 14:50

 

«ھەرقانداق يولۋاسمۇ بۆرە توپىدىن قورقىدۇ». تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەرقانداق چوڭ مەخلۇقمۇ قانخورلۇققا ئادەتلىنىپ كەتكەن بۆرە توپىدىن ئەيمىنىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا، ناتسىستلار گېرمانىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى دونتز دېڭىز ئۇرۇشىدا تۇنجى قېتىم «بۆرە توپى تاكتىكىسى»نى قوللانغاچقا، «بۆرىلەرنىڭ سەركىسى» دەپ نام ئالغان.

دونتز «ئافىنا» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەندە، «بۆرە توپى تاكتىكىسى»نى تۇنجى قېتىم قوللانغان. 1938-يىلى 9-ئايدا، ئەنگلىيەنىڭ «ئافىنا» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى ئاتلانتىك ئوكياندا كېتىۋاتقاندا، تىنچ ۋە ئارامخۇدا سەپەر قىلىپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار تۇيۇقسىزلا بىرنەچچە قېتىم قاتتىق پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھەم پاراخوتنىڭ قاتتىق سىلكىنىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەن. كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە پاراخوتتىن قويۇق ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ، پاراخوت بۆلۈمىگە سۇ كىرىپ، بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىنلا دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى پاراخوتلىرىمۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغان، بۇنىڭ باش جىنايەتچىسى «بۆرە توپى تاكتىكىسى»نى قوللانغان گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئىدى.

«بۆرە توپى تاكتىكىسى» ئەمەلىيەتتە كىچىك تىپتىكى پاراخوتلارنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر تىپتىكى پاراخوتلارنى پاچاقلاپ تاشلايدىغان، ئادەتتە بىرنەچچە كىچىك پاراخوت بىر پاراخوتنىڭ قوماندانلىقىدا دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرۈپ، كېچىدە تورپىدا بىلەن ھۇجۇم قوزغايدىغان بىرتۇتاش ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ.

«بۆرە توپى تاكتىكىسى»نى تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلغان گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى دونتز 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيەنىڭ «68-U» تىپلىق چۆكمە پاراخوتىنىڭ كاپىتانى بولغان. ئۇ گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «چەكلىمىسىز چۆكمە پاراخوت ئۇرۇشى»دىكى مەغلۇبىيەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، «چۆكمە پاراخوتلار چوڭ تىپتىكى پاراخوتلار بىلەن كۈندۈزدە ئاشكارا ئېلىشىدىغان» ئۇرۇش تاكتىكىسىنىڭ ئەمدى ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى، كېچىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، دونتز ئاخىرى يېڭى تاكتىكىسىنى سىناق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ «68-U» تىپلىق چۆكمە پاراخوتقا قوماندانلىق قىلىپ، كېچىدە ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوغداش ۋە مۇداپىئە چەمبىرىكىدىن تۇيۇقسىز كېسىپ ئۆتۈپ، ئەنگلىيە پاراخوتىنى تورپىدا بىلەن چۆكتۈرۈۋەتكەن. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ قوغدىغۇچى پاراخوتلىرى ياردەمگە كەلگەن. دونتز «68-U» تىپلىق چۆكمە پاراخوتقا قوماندانلىق قىلىپ سۇ ئاستىغا چۆكمەكچى بولۇۋاتقاندا، پاراخوتىدىن كاشىلا چىققاچقا، ئۇ پاراخوتنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان بۇ قېتىمقى ھەرىكەت «بۆرە توپى تاكتىكىسى»نىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغان.

2-دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، دونتز ئۆزى ئىجاد قىلغان «بۆرە توپى تاكتىكىسى»نى نەزەرىيە جەھەتتە يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندا، دونتز گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنى باشلاپ «بۆرە توپى تاكتىكىسى»نى قوللىنىپ، ئاتلانتىك ئوكياندا ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ سودا پاراخوتلىرىنى غايەت زور زىيانغا ئۇچراتقان. «بۆرە توپى تاكتىكىسى» مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاچقا، دونتزمۇ گىتلېرنىڭ ئەڭ غوللۇق سەركەردىلىرىدىن بولۇپ قالغان.

ئەمما، كۆز ئالدىدىكى غەلىبە دونتزنىڭ كۆزىنى توسۇپ قويغاچقا، گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تاكتىكىسى كۆپ يىللىق دېڭىز ئۇرۇشلىرىدىكىدەكلا بىر قېلىپقا چۈشۈپ قالغان. لېكىن ئىتتىپاقداش ئارمىيە مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، «بۆرە توپى تاكتىكىسى»غا تاقابىل تۇرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇرۇش تاكتىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، چوڭ كۆلەمدە چۆكمە پاراخوتقا قارشى ئايروپىلان ۋە چۆكمە پاراخوت ئەۋەتىپ، «توسۇپ زەربە بېرىش»، «قورشاپ يوقىتىش» ۋە «ئالداپ يوقىتىش» قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، «بۆرە توپى»نى پاچاقلاپ تاشلىغان. لېكىن دونتز يەنىلا ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ رازۋېدكا قىلىپ ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقى بىلەن كارى بولماي، ئاتلانتىك ئوكيانغا نۇرغۇن چۆكمە پاراخوتنى توپلاپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئاتلانتىك ئوكياندىكى تىرانسپورت لىنىيەسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتمەكچى بولغان. 1943-يىلى 5-ئايدا، دونتز نامىنى چىقارغان «بۆرە توپى» ئاخىرى ئەجەللىك زەربىگە ئۇچراپ، بىر ئاي ئىچىدە ئۇنىڭ داڭلىق چۆكمە پاراخوتلىرىدىن 30 نەچچىسى چۆكتۈرۈۋېتىلگەن، «بۆرە توپى تاكتىكىسى» ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.

گەرچە گېرمانىيە 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ چۆكمە پاراخوت ئۇرۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ، چۆكمە پاراخوتنىڭ قۇدرىتىگە بولغان تونۇشى ئەڭ چوڭقۇر، چۆكمە پاراخوت ئۇرۇش نەزەرىيەسى جەھەتتىكى تەتقىقاتىمۇ ئەڭ كۆپ. شۇڭا، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە چۆكمە پاراخوتلىرى ئاتلانتىك ئوكياندىكى جەڭگاھتا ئاساسىي يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ «U» تىپلىق چۆكمە پاراخوتلىرى ۋە «بۆرە توپى تاكتىكىسى» چۆكمە پاراخوت ئۇرۇشى تارىخىدا مۇھىم ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن.