ئامېرىكا پىرزىدېنتلىرىنىڭ باي-نامراتلىق پەرقى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:نۇزىەۈل ئىمىر|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-12-03 13:56

بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا پىرزىدېنت سايلىمىدا، ئومابا يەنە بىر قىتىم ئارزۇيىغا يەتتى، نۇرغۇن كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، پىرزىدېنت بولۇش ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان بىر ئىش، يەنى پىرزىدېنت بولغان كىشى ۋەزىپىسىدە ئولتۇرغاندا، ھوقۇق ۋە نام-ئابرۇيغا ئېرىشىپلا قالماستىن، پىرزىدېنتلىق ئورنىدىن ئايرىلغاندىن كىيىنمۇ، نۇتۇق سۆزلەش، كىتاپ چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن داۋاملىق كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولىدۇ. ئەمما ئامېرىكا پىرزىدېنتلىرى ئىچىدىمۇ باي-نامراتلىق پەرقى بار.

ئامېرىكا پىرزىدېنتى ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كىيىن، نۇرغۇن پېنسىيە پۇلىغا ئېرىشىدۇ. گەرچە پەقەت 4يىلىدىن 8يىلغىچە يەنى بىر ياكى ئىككى نۆۋەت پىرزىدېنت بولغان بولسىمۇ، شان-شۆھرىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، يىللىق كىرىمىنىڭ 400مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلىقى، چىقىملىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاتچوت قىلىنىدىغانلىقى شۇنداقلا بىر ئۆمۈر خىزمەت تاپالماسلىقىدىن ئەنسىرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىقىدىن ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ باي پىرزىدېنت گىيورگى ۋاشىنگىتون بولۇپ، ئۇنىڭ شەخسىي مال-مۈلىكى 525مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، پوتوماك دەرياسى بويىدىكى 8000 ئاكر كېلىدىغان يەر-زېمىنى ۋە 300 قۇلى بار ئىدى.