لوندوندىكى 1952-يىلىدىكى زور تۇمانلىق ۋەقە ئون ئىككى مىڭ ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-01-17 16:35

يېقىندا بېيجىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە تۇمان قاپلىشى كىشىنى بىئارام قىلدى. بۇ ئەھۋال كىشىلەرگە 1952-يىلدىكى لوندوندىكى تۇماندا ئون ئىككى مىڭ ئادەم قازا قىلغان ئاپەتنى ئەسلىتىدۇ.

1952-يىلى 12-ئايدىكى لوندوندىكى زور تۇمانلىق بەش كۈن داۋاملاشقان. ئەينى چاغدا كۆرۈش دەرىجىسى ئارانلا نەچچە مېتىر بولۇپ، يولنى تېپىش ئۈچۈن يول بويىدىكى رېشاتكا ۋە ئۆيلەرنى بويلاپ ماڭىدىكەن. كىشىلەر قاتناش ئەھۋالىنى قىلچىلىكمۇ كۆرەلمەيدىكەن، يولدىن ئۆتۈش ئۈچۈن پەقەتلا ئاڭلاش سېزىمىغا تايىنىپ ئۆتىدىكەن. شۇ چاغدىكى ھاۋا بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاستە ئامىل توك تارقىتىش پونكىتى، ئائىلىلىكلەر ئىشلەتكەن كۆمۈر ۋە ئاپتوموبىللاردىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئىكەن. 1952-يىلى لوندون زور تۇمانلىقىدا قازا قىلغان ئادەم4000~6000 گىچە بولۇپ، بالىلار ۋە نەپەس ياللۇغى بىمارلىرى توپىنى ئاساس قىلغان بىر قېتىملىق مەملىكەت خارەكتېرلىك ئاپەتتۇر. ئاشۇ قېتىمقى چوڭ تۇمانلىق كىشىلەرگە ئېغىر تەسىر ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەسلىدىلا بار بولغان كېسەللىكلىرىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە ئەڭ ئاخىرى قازا قىلغان ئادەمنىڭ سانى 12 مىڭغا يەتكەن. 1952-يىلىدىكى لوندون ئاپىتىنىڭ ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ئېغىر بولۇپ، ئەنگىلىيە تۇنجى بولۇپ مۇھىت بۇلغىنىشنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتتۇر. 1954-يىلى، لوندون مۇھىت بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش قانۇن لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، 1956-يىلى «ھاۋا ساپلاشتۇرۇش قانۇن لاھىيىسى» ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا مەزكۇر قانۇننى يۈرگۈزگەن. يەنى ھەرخىل ئىس-تۈتەكلىك يېقىلغۇلارنى ئىشلىتىشنى توسۇش پەرمانى، سانائەت تۇرخۇنلىرىنى ئەڭ تۆۋەن بولغان يۇقىرى چەككە كۆتۈرۈش، توك تارقىتىش پونكىتىنى شەھەر سىرتىغا قۇرۇش قاتارلىق پەرمانلارنى يولغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تايمىس دەرياسىنى تازىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويغان. مۇھىت بۇلغىنىش ئېغىر بولغانلىقتىن، ئەينى چاغدىكى تايمىس دەرياسىدا بىرەر تال بېلىقمۇ كۆرۈنمەيدىكەن، ھەتتا دەرياغا چۈشكەنلەرنىڭ قائىدە بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش نازارەتچىلىكى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

ئەينى چاغدىكى لوندوننىڭ بۇلغىنىشى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، بىر قېتىمدىلا پاك-پاكىز تازىلاپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 1962-يىلىدا ئەنگىلىيەدە يەنە بىر قېتىم تۇمانلىق ۋەقە پارتلىغان، لېكىن بۇ قېتىمقى قازا قىلىش نىسبىتى 1952-يىلدىكى سەۋىيىگە يەتمىگەن. تىزگىنلەش ئەڭ تەس بولغان مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ئون يىلدا ھەل قىلىنغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەنگىلىيىدە كۆلىمى بۇنداق ۋەقە يۈز بېرىپ باقمىغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن لوندوندىكى بىناكارلىقلار ئاسانلا مەينەت بولۇپ كېتەتتى، لېكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس. تايمس دەرياسى قايتىدىن پاكىزلىنىپ بېلىقنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان، كىشىلەر دەريا بويىغا بېرىپ بېلىق تۇتۇشقا ئادەتلەندى.