مايالارغا ئائىت بەش مۇھىم ئەمەلىيەت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-01-21 16:38

 

2012-يىلى 21-دېكابىر ئۆتۈپ كەتتى، دۇنيا ھېلىھەم مەۋجۇت تۇرۇۋاتىدۇ ، قۇياشمۇ جاھاننى بۇرۇنقىدەكلا يورتىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مايالارنىڭ تولىمۇ يىراق دەۋردە قالدۇرغان دۇنيانىڭ «مەھشەر كۈنى» دە ئاياغلىشىدىغان كالېندارىغا قىسمەن كىشىلەر ئىشىنىپ بولغانىدى. لېكىن ھازىر بۇ كالېندار ئۆزلۈكىدىن كۈچىدىن قالدى، ئەمما بۇ، كىشىلەردىكى مايالارغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

تۆۋەندە بىز بايان قىلىدىغان مەزمۇن ئارخېئولوگ ۋە ئالىملار مايالارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردا – سارايلىرىنى قېزىش ئارقىلىق تاپقان مايالارغا ئائىت ماتېرىياللار ھەمدە ئۇنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن،كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان بەش مۇھىم ئەمەلىيەت:

مايالار نۇرغۇن توپتىن تەشكىللەنگەن قەۋم.

گەرچە ئۇلار ئېغىزدا «مايالار»دېگەن ئاددىيغىنا ئىسىم بىلەن ئاتالسىمۇ، لېكىن ئارخېئولوگلار ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان مايالار شۇ دەۋردىكى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدە مەۋجۇت نۇرغۇن شەھەر ۋە مەدەنىيەت توپىدىن تەشكىل تاپقان قەۋم، ئۇلاردا ئورتاقلىقلار كۆپ بولسىمۇ، بىراق كىيىم-كېچەك، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئېتىقاد جەھەتتە بىر-بىرىدىن خېلىلا پەرق قىلىدۇ.

مايالارنىڭ نېمىشقا يوقىلىپ كەتكەنلىكى ھېلىھەم بىر سىر


تارىخشۇناس ۋە ئارخېئولوگلارنىڭ قارىشىچە، تولىمۇ بۈيۈك بۇ مەدەنىيەت 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرى تۇيۇقسىز زاۋاللىققا يۈزلەنگەن، بىراق ھازىرغىچە بۇ ھالاكەتنىڭ سەۋەبى ئېنىقلانمىدى. دېمەك، مايالار ھېلىھەم بىر سىر، بىز پەقەت ئەينى چاغدا مايالار بەرپا قىلغان ھەيۋەتلىك شەھەرلەرنىڭ بىر-بىرلەپ غايىب بولغانلىقىنى، مىلادى900-يىلىغا كەلگەندە، پۈتكۈل مايا مەدەنىيىتىنىڭ تەلتۆكۈس غايىب بولغانلىقىنىلا بىلىمىز. نېمىشقا بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە بىر-بىرىگە زىت ئىككى خىل پەرەز بار. بەزى تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، مايالار تەبىئىي بايلىقلارنى يەپ تۈگىتىپ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رايوندا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئۇلارغا ھاياتلىق پۇرسىتى بەرمىگەچكە، ئۇلار ئامالسىز بۇ شەھەرلەردىن ۋاز كەچكەن؛ يەنە بەزى تارىخچىلار مۇنداق دەيدۇ:«مايالاردا ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى بولمىغاچقا، شەھەرلەر ئارا بولغان ئۇرۇش ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سودا ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنى تېزلىتىپ، ئاخىرىدا كىشىلەرنى تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ، ھەتتا ئەنئەنىۋى تۈزۈمىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن.

نەچچە يۈز ئىلاھ، ئەۋلىيا ۋە تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچ مايالارنىڭ ئېتىقادىغا يېتەكچىلىك قىلغان.

مايالارنىڭ دىنغا سەرپ قىلغان ۋاقتى بەك كۆپ بولغان، ئۇلار ئېتىقاد قىلغان دىننىڭ تۈرى كۆپ، ھەر قايسى توپنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىلاھلىرى بولغان. گەرچە مايالارنىڭ بىرەر قابىل باشلامچىسى بولمىسىمۇ، لېكىن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىلاھ ۋە ئادەملەر ئارىسىدىكى ۋاسىتىچى سىياقىغا كىرىۋالغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى ئىلاھ دەپ بىلىپ چوقۇنغان بولۇشى مۇمكىن.

مايالارنىڭ دىنى ئۇلارغا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى ئاتا قىلغان.

مايالار ھەر خىل دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان ۋاقىتنى توغرا بەلگىلەش ئۈچۈن، ۋاقىتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بىلەن كالېندارغا تايىنىپ خاتىرە قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان، بۇ ھال بۇ قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئاجايىپ قالتىس ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە سىستېمىسىنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولغان.

مايالار «ئاخىرقى زامان» ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بەرگەن ئەمەس

نۇرغۇن ئادەم مايالارنىڭ 2012-يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى «ئاخىرقى زامان» بولىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بەرگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، لېكىن مايالار ئەزەلدىن يەر شارىنى ھالاك قىلىدىغان ئاپەت، شۇنداقلا ئىنساننىڭ يوقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىشارەتلىك خاتىرە قالدۇرغان ئەمەس، بۇ خاتا چۈشەنچە مايالارنىڭ خاتىرە ئابىدىسىدە ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدىغان مايا كالېندارىدىن كەلگەن، بۇ نۇقتا ئەزەلدىن ئالىم ۋە ئارخېئولوگلار قىزىقىپ تەتقىق قىلىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى.

ئارخېئولوگلار قەتئىي رەۋىشتە مۇنداق دەيدۇ:«بۇ كۈن ھەرگىزمۇ ‹ئاخىرقى زامان›بولىدىغان كۈن ئەمەس، لېكىن مايالارنىڭ نېمە ئۈچۈن 13-دەۋردىن كېيىنكى دەۋرنى كالېندارغا كىرگۈزمىگەنلىكى ھەقىقەتەن بىر سىر. مايالارنىڭ نەزىرىدە 13 مۇقەددەس سان بولغاچقا، بەزىلەر:‹مايالار مۇشۇ كۈننى يەر شارىدا زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان›دېسە،يەنە بەزىلەر:‹مايالار بۈيۈك مەدەنىيىتى يوقىلىشتىن بۇرۇن، كالېندارىغا يېڭى دەۋرنى قوشۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن بولسا كېرەك› دەپ قارايدۇ».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)