«ئادەم يەيدىغان» گۈل
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-08-27 01:13

 

 

 

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئامازۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىقلاردا زەھەرلىك چايان-يىلانلار، يىرتقۇچ قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلار ياشىغاندىن سىرت، «ئادەم يەيدىغان» كۈنگۈل ئىسىملىك بىر خىل ئۆسۈملۈكمۇ ئۆسىدۇ. كۈنگۈل دۈگىلەك بولۇپ، ناھايىتى كۆركەم، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن گۈل چىقىرىدىغان يوپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر ئىنگىلىزچىسى كېلىدۇ. كۈنگۈلنىڭ گۈلى نازۇك، كىچىك ۋە چىرايلىق بولۇپ، كەترەن گۈلىدەك خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ. لېكىن بىرەر كىشى گۈلنى ئۈزۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا، ئۈزگۈچىنىڭ بارمىقى گۈل ياكى يوپۇرماققا تېگىش-تەگمەسلىكتىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ھەم ئىنچىكە، ھەم ئۇزۇن يوپۇرماقلىرى خۇددى بۈركۈتنىڭ پەنجىسىدەك بىردىنلا سوزۇلۇپ كېلىدۇ-دە، ئادەمنىڭ بىلىكىنى يۆگەپ تامىۋالىدۇ. ئاندىن نەم يەرگە ئاستا-ئاستا سۆرەپ ئېلىپ بارىدۇ. بۇ چاغدا كۈنگۈلنىڭ تۆت ئەتراپىدىن چوڭ ئۆمۈچۈكلەر چىقىپ كېلىدۇ-دە، ئادەمنىڭ ئۇچىسىغا يامىشىپ چىقىپ، قان شوراشقا ۋە ئادەمنى يېيىشكە باشلايدۇ. كۈنگۈل نېمە ئۈچۈن ئۆمۈچۈكلەرگە يېمەكلىك ئوۋلاپ بېرىدۇ؟ بۇ يەردە مۇنداق بىر تەبىئىي سىر بار: ئەسلىدە ئۆمۈچۈكلەرنىڭ ئادەمنى يەپ بولغاندىن كېيىن چىقارغان گەندە-سۈيدۈكلىرى كۈنگۈلنىڭ ئالاھىدە ئوزۇقلۇقى ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا كۈنگۈل بارلىكى يەردە ئادەم يەيدىغان چوڭ ئۆمۈچۈكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئىكەن. دېمەك، ئۇلار بىر-بىرىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ ۋە بىر-بىرىنى ياشاش شەرتى قىلىدۇ.