تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-08-27 12:31

 

مىيۇنخېن پاجىئەسى
20-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1972-يىلى 26-ئاۋغۇستتىن 11-سېنتەبىرگىچە گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، پەلەستىن «قارا سېنتەبىر» تەشكىلاتىنىڭ بەش ئادىمى 5-سېنتەبىر ئولىمپىك كەنتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ توققۇز تەنھەرىكەتچىسى بىلەن ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچىسىنى تۇتقۇن قىلىۋېلىپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى قولغا ئالغان256 پەلەستىنلىكنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. گېرمانىيە ساقچى دائىرلىرى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تۇتقۇن قىلىنغان بۇ 11 ئادەمنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن.

ئولىمپىك باغچىسىدىكى پارتىلىتىش ۋەقەسى
26-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1996-يىلى 19-ئىيۇلدىن 4-ئاۋغۇستقىچە ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ئەمما 27-ئىيۇل ئولىمپىك باغچىسىدا پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە 110 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، قاتىل 2003-يىلى قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما 2005-يىلى ئاندىن جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.

پاكىستان ۋالىبول مەيدانىدىكى قانلىق پاجىئە
2010-يىلى 2-يانۋار پاكىستاننىڭ مەلۇم كەنتىدە ۋالىبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىۋاتقاندا، ئاپتوموبىل بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بۇ ۋەقەدە 88 ئادەم قازا قىلىپ، 37 ئادەم يارىلانغان.

لاخورى شەھىرىدىكى قانلىق ۋەقە
2009-يىلى 3-مارت سېرىلانكا پالاق توپ كوماندىسى پاكىستاننىڭ لاخورى شەھىرىدە تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، نەتىجىدە ئالتە كوماندا ئەزاسى، ئالتە ساقچى ۋە ئىككى پۇقرا قازا قىلغان. بۇ ۋەقەنى نەق مەيداندا كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تېرورچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئەسلىدە پالاق توپ كوماندىسى بولماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنى قوغداپ ماڭغان ساقچىلار ئىكەن.

ئىراقتىكى قانلىق ۋەقە
ئىراق تەپمە بوكس كوماندىسىنىڭ 15 ئەزاسى 2006-يىلى مايدا ئىسلام رادىكال تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، 2007-يىلى 15-ئىيۇن 13 ماھىرنىڭ جەسىتى ئەنبار ئۆلكىسىدىن تېپىلغان، قالغان ئىككىسىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.

ماۋرىتانىيەدىكى قانلىق ۋەقە
2007-يىللىق داكار راللى ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى ماۋرىتانىيەنىڭ ئالىگرى شەھىرىگە كەلگەندە تېرورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بۇ قېتىملىق ۋەقەدە تۆت ئادەم قازا قىلغان. تەشكىلىي كومىتېت ماھىرلارنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىدى دەپ قاراپ، داكار راللى مۇسابىقىسىنى توختىتىشنى، 2009-يىلىدىن باشلاپ بۇ مۇسابىقىنى جەنۇبىي ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

كولۇمبىيەدىكى قانلىق ۋەقە
كولۇمبىيەدىكى «يەر ياڭىقى» ئىسىملىك ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسى 2009-يىلى ئۆكتەبىردە ۋېنسۇئىلانىڭ بىر كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىۋاتقاندا، تېرورچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ جەسىتى كولۇمبىيە چېگرىسىدىن تېپىلغان.

ئانگۇلادىكى قانلىق ۋەقە
2010-يىلى ئانگۇلادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافرىقا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن توگو پۇتبول كوماندىسى ئاپتوبۇس بىلەن ئانگۇلاغا قاراپ يولغا چىققان، توگۇ پۇتبول كوماندىسى 9-يانۋار ئانگۇلانىڭ بىندا ئۆلكىسىگە كەلگەندە، تېرورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ توققۇز ئادىمى قازا قىلغان، نەتىجىدە ئۇلار بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن چېكىنىپ چىققان.