خەلقئارا چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە كۈنى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-01-28 08:54
 
2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ناتسىست گېرمانىيەسى باشقا پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇش ۋە ئىرقچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچى ۋە ئىشغال قىلىۋېلىنغان دۆلەتلەردە جەمئىي 1000دىن كۆپرەك جازا لاگېرى قۇرغان. ئوسۋېتسىم جازا لاگېرى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قۇرغان ئەڭ چوڭ جازا لاگېرى بولۇپ، پولشانىڭ جەنۇبىدىكى ئوسۋېتسىم شەھىرىگە يېقىن جايغا جايلاشقان. گېرمانىيە ناتسىستلىرى بۇ يەرگە نەچچە مىليون كىشىنى قامىغان ھەم بۇنىڭ ئىچىدىكى 1 مىليون 100 كىشىنى قىرغىن قىلغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدىيلار.
سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى 1945يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوسۋېتسىم جازا لاگېرىنى ئازاد قىلغان. ئوسۋېتسىم جازا لاگېرىدىكى پاجىئەلىك ساۋاقلارنى ئەستە تۇتۇش، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك بىر بەتنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت بۇ كۈننى چوڭ قىرغىنچىلىقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.
2005-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، 60-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا 104 دۆلەت ئورتاق سۇنغان قارار لايىھەسى بىردەك ماقۇللىنىپ، ھەر يىلى 27-يانۋارنى «خەلقئارا چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە كۈنى» قىلىش قارار قىلىنغان. قارار ماقۇللانغاندىن كېيىن، ب د ت باش كاتىپى بۇ ئالاھىدە كۈننى «كىشىلەرگە چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ بارلىق ساۋىقىنى ئەستە تۇتۇشقا ئاگاھلاندۇرىدىغان مۇھىم كۈن، بۇ ئالاھىدە جىنايەتنى ئاددىيلا تارىخقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ياكى ئۇنتۇپ كېتىشكە بولمايدۇ»، دېدى. 
     