ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-12-30 11:45

 

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 776-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدىن باشلاپ، مىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 292 قېتىم مۇسابىقە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، گرېتسىيە بىر قانچە قېتىم مۇنقەرز بولدى. مىلادى 394-يىلى شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى گرېتسىيىنى ئىشغال قىلىۋالدى، رىم پادىشاھسى ئوۋدوس، گرېتسىيە خەلقىنىڭ تەنتەنىلىك تەنھەركەت يىغىنىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ قوزغىلىپ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇشتىن قورقۇپ، ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردۇ. لېكىن گرېتسىيىلىكلەر زېۋىسقا يەنىلا ئېتقاد قىلاتتى، ھەر قېتىم ئىلاھقا نەزىر- چىراغ قىلىش يىلنىڭ بېشىدا پۇقرارلار بەس-بەستە ئولىمپىيە تېغىدىكى زېۋىس بۇتخانىسىغا بېرىپ تاۋاپ قىلاتتى. رىم پادىشاھسى، زېۋىسنىڭ ئاجايىپ قۇدرىتى ۋە دەۋەت قىلىش كۈچىدىن قۇرقۇپ، مىلادى 426-يىلى بۇتخانىدىكى زېۋىسنىڭ ئويما رەسىمىنى ئوغرىلىقچە بۇلاپ كېتىپلا قالماستىن، يەنە سەلتەنەتلىك زېۋىس بۇتخانىسىنىمۇ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. مىلادى 521-ۋە522-يىللىرى ئولىمپىيە تاغلىق رايونىدا ئىككى قېتىم قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، مۇقەددەس ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ كېلىپ چىققان يېرى بىر پارچە خارابىلىققا ئايلىنىدۇ. ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىمۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ.

1892-يىلى ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقە يىغىنىنىڭ تەنتەنىسى ۋە ئىجابىي ئەھمىيىتى، گرېتسىيە مەدىنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان فرانسىيىلىك بىر مۇتەخەسىسنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مۇشۇنداق مۇسابىقا يىغىنلىرىنى داۋاملىق ئۆتكۈزسە، چوقۇم ھارقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈچۈنىشىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، دوستلۇق ۋە تېنچلىقنى ئىلەىرى سۈرىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ پىكرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېرىپ تارقىتىدۇ، دەرۋەقە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئاخىرى1896-يىلى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى سۈپىتىدە، بىر خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتېتى تەشكىل قىلىنىپ، شۇ يىلى قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ كېلىپچىققان ئورنى − گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافىنادا بىرىنچى قېتىملىق ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ؛ پەقەت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا ۋاقىتلىق توختاپ قالدى. ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ مۇسابىقىلىشىش تۈرلىرى: يېنىك ئاتلىتكا، گىمناستىكا، چېلىشىش،مارافون يۈگۈرۈش، ئېغىرلىق كۆتىرىش، ۋاسكىتبول، پۇتبول، قارغا ئېتىش، سۇ ئۈزۈش، قېيىق ھەيدەش، ۋەلىسىپىت مېنىش، نەيزىۋازلىق، ئەگرى تاياق توپ ۋە ۋالىبوللاردۇر. كېيىن تەنتەربىيە ھەرىكىتى تەرەققىي قىلىپ مۇز تېيلىش، چاڭغا تېيلىش، مۇز توپقاتارلىق يېڭى تۈرلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ تۈرلەرنى پەقەت قىش پەسىلدىلا ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ، شۇڭا 1921-يىلى شۋېتسارىيىنىڭ لوزاننادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك ھەيئەتلەر يىغىنىدا، ئايرىم ھالدا ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ماقۇللاندى.

ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.