بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ ماتەم بىلدۈرۈش قانداق پەيدا بولغان؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-12-30 12:30

 

 

بىرەر دۆلەتنىڭ باشلىغى ۋاپات بولغاندا، ئادەتتە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ ماتەم بىلدۈرۈلىدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەرمۇ، بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ تەزىيە بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل ماتەم بىلدۈرۈش شەكلى ئەڭ دەسلەپتە قانداق پەيدا بولغان؟

ئېيتىشلارغا قارىغاندا مۇندىن 300 نەچچە يىل بۇرۇنقى 1612-يىلى «خاس.يىس» ناملىق بىر ئەنگلىيە پاراخوتى،ئاتلانتىك ئوكياندىن ئاستا -ئاستا ئەنگلىيىنىڭ تېمز دەرياسىغا كىرىدۇ. پاراخوت باش ماچتىسىنىڭ يېرىم بېلىدە ئەنگلىيە دۆلەت بايرىغى لەپىلدەپ تۇراتتى. پالوبىدا پاراخوتچىلار رەتلىك تىزىلىپ چۈشكۈن قىياپەتتە يېرىم چۈشۈرۈلگەن دۆلەت بايرىغىغا قاراپ تۇرۇشاتتى − بۇ، پاراخوتچىلارنىڭ مەرھۇم پاراخوت كاپىتانىغا بىلدۈرگەن ئالى ئېھتىرامى ئىدى. ئ

ئەسلىدە «خاس.يىس» ناملىق پاراخوت شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا، تېچ ئوكيانغا ئۆتىدىغان سۇ يولى ئىزلەشتە، بۇ پاراخوتنىڭ پاراخوت كاپىتانى ئالدى بىلەن ئۆزى يول ئېچىش ئاۋانگاردى بولىدۇ، نەتىجىدە بەخىتسىزلىككە ئۇچراپ، بەختكە قارشى ۋاپات بولىدۇ. پاراخوتچىلار ئۆز كاپىتانىغا بولغان تەزىيىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بەزىلەر دۆلەت بايرىغىنى چىقارغاندىن كېيىن يېرىم چۈشۈرۈپ، پۈتۈن پاراخوت خادىملىرى نامىدىن ئېھتىرام بىلدۈرۈشنى تەكلىپ قىلىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيە دېڭىزچىلىق ئىشلىرىدا تەرەققى قىلغان دۆلەت بولۇپ، دېڭىز قاتنىشىدا پاراخوتچىلارنىڭ بەخىتسىزلىككى ئۇچراش ئىشىدىن خالى بولۇش تەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن باشقا پاراخوتلارمۇ بەخىتسىزلىك يۈز بەرسە «خاس.يىس» ناملىق پاراخوتنىڭ ئۇسۇلىغا ئوخشاش تەزىيىسىنى بىلدۈرىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ، بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ ماتەم بىلدۈرۈش ئۇسۇلى دېڭىزچىلىق ئىشلىرىدا تەدرىجى ھالدا كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى.

بۇ خىل ماتەم بىلدۈرۈش ئۇسۇلى، 17 - ئەسىرنىڭ دەسلىۋىگە كەلگىچە، پاراخوتلاردا ئىشلىتىلىپ كەلگەن ئىدى. كېيىن كىشىلەر بۇ خىل ماتەم بىلدۈرۈش ئۇسۇلىنى ناھايىتى تەمكىن ئۇسۇل ئىكەن دەپ تونۇپ، ئاستا - ئاستا قۇرۇقلىقتىمۇ قوللاندى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ خىل ماتەم بىلدۈرۈش ئۇسۇلىنى ئېتىراپ قىلدى. دۆلەت باشلىقلىرى ياكى مۇھىم شەخسلەر ۋاپات بولغاندا، بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ ماتەم بىلدۈرىلىدۇ.

ھازىر، بۇ خىل ماتەم بىلدۈرۈش ئۇسۇلى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتىدۇ.