بىر ئەۋلاد داڭلىق F4 «ئالۋاستى» جىڭ ئايروپىلانى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-03-17 11:04

 

 
ھەر قانداق چاقنىغان يۇلتۇزنىڭ ئاقىدىغان بىر كۈنى بولغىنىدەك، دۇنيا ھاۋا ئاسمىنىدا يېرىم ئەسىر چاقنىغان F-4 «ئالۋاستى» تىپلىق جەڭ ئايروپىلانىمۇ تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈشكە باشلىدى. ئامېرىكا، ئىسپانىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كىيىن، يېقىندا گىرمانىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۆزلىرىدىكى F-4 «ئالۋاستى» تىپلىق جەڭ ئايروپىلانىڭ رەسمىي ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇپ، قىسىمدىن چكىندۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىشى بىلەن بۇ نۇسخدىكى چولپان جەڭ ئايروپىلانىنىڭ كۆكتىكى رىۋايىتىگە خاتىمە بېرىلدى.

تۇرۇقى بەسىتلىك بۇ «ئالۋاستى» جەڭ ئايروپىلانى باشتىنلا ئالاھىدە بارلىققا كەلگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن تولۇق ھاۋا شاراتىلىق يىراق مۇساپىلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق تۇسقۇچى ئايروپىلان بارلىققا كېلىشى بىلەنلا، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە كۈچلۈك ھەرىكەتچانىلىقى ۋە ئىلغار رادار، ئوت ئېچىشنى باشقۇرۇش، ئىنېرتسىيىلىك يول باشلاش قاتارلىق ئايروپىلان ئىچى سېستىمىلىرى بىلەن ھەممىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ، ئىلگىرى –لىيىن بولۇپ 16 تۈرلۈك ئۇچۇش رىكورتىنى يېڭىلىغان ئىدى. ئۆ ئېغىرلىقى13.76 توننا، ئەڭ چوڭ كۆتۈرۈلۈش ئېغىرلىقى 28 توننىدىن ئاشىدىغان غايەت زور بومبا قاچىلاش ئېغىرلىقى ئۇنى ئىسمى جىسمىغا لايىق «بومبا ھاراۋىسى» قىلغان ئىدى. كىيىن ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىن، ھاۋا ئارمىيەسىگە سەپلەپ بېرىلگەن ئىدى. بۇ ئايروپىلان كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسىدە تەڭ ئشلىتىلگەن جەڭ ئايروپىلانى بولۇپ قالغان.

بۇ ئايروپىلان ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ياخشى ئىقتىدارى بىلەن 30 نەچچە دۆلەتكە سېتىلغان، 5000 دىن ئارتۇق ئىشلەپ چىقىرىلغان، ئىككىنچى ئەۋلاد جەڭ ئايروپىلانلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىلى دېيىشكە لايىق ئېدى. جەڭ مەيدانىدا ئۇ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، ۋېيتنام ئۇرۇشى ۋە ئوتتۇراشەرق ئۇرۇشىلىرىغا قاتناشقان، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ بەلگەلىرىنىڭ بىرى ئىدى. تېخىكا جەھەتتە، 2 ماخ كېلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇش تىزلىكى، ئۇزۇن ئۇچۇش مۇساپىسى ۋە زور بومبا قاچىلاش مىقتارى قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىدار كۆرسەتكۈچلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىيىنكى ئەۋلاد جەڭ ئايروپىلانى ياساش لايىھەسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.

50-يىللاردا، «ئالۋاستى» جەڭ ئايروپىلانىنىڭ بۇنداق كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ئېگە بولۇشى، ئۇنىڭ مۇكەممەل ئەسلى لايىھەسى ۋە توختاۋسىز قىلغان ئەلالاشتۇرۇشلىرى بىلەن زىچ مۇنسىۋەتلىك. گىرمانىيەنىڭ «ئالۋاستى» جەڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇچالىشى ئاساسلىقى گىرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئايروپىلانلار ئۈچۈن قوللانغان چوڭ كۆلەملىك ياخشىلاش پىلانىنىڭ تۆھپىسى ئىدى.#