جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئاپپاراتلىرى سىسىتېمىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇخالىق|     يوللانغان ۋاقىت: 2010-09-27 17:27
 
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكىچە: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى؛ مىللىي ئاپتونومىيىلىك رايونلارنىڭ ئاپتونومىيە ئاپپاراتلىرى؛ خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

    

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئەڭ ئالىي دۆلەت ھوقۇق ئورگىنى. ئۇنىڭ دائىملىق ئاپپاراتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ۋە ئارمىيىدىن تاللاپ چىقىلغان ۋەكىللەردىن تەركىب تاپقان. ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇۋاپىق نىسبەتتە ۋەكىللىرى بولىدۇ.

 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلاپ چىقىدۇ. سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بار يېشى 45 ياشقا توشقان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى قىلىپ سايلانسا بولىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى ۋە مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئەتلەر كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، قانۇن ئېلان قىلىش، باش مىنىستىر، مۇئاۋىن باش مىنىستىر، دۆلەت كومىسسارى، مىنىستىرلار، ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپلارنى تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئوردېنى ۋە شەرەپ نامىنى بېرىش، ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى چىقىرىش، جىددىي ھالەتكە كىرىشنى جاكارلاش، ئۇرۇش ھالىتى جاكارلاش، ھەرىكەتلەندۈرۈش بۇيرۇقى چىقىرىش قاتارلىق ھوقۇقى بار بولىدۇ.

 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، يەنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى، ئالىي ھۆكۈمەت ھوقۇقى ئورگىنىنىڭ ئىجرا قىلىش ئورگىنى، دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى. باش مىنىستىر، مۇئاۋىن باش مىنىستىر، دۆلەت كومىسسارى، مىنىستىرلار، ھەر قايسى كومىتېتىلارنىڭ مۇدىرلىرى، باش تەپتىش، باش كاتىپتىن تەركىب تاپىدۇ. باش مىنىستىر مەسئۇلىيەت تۈزۈلمىسى قوللىنىدۇ. مىنىستىرلىق، كومىتېتلار مىنىستىر، مۇدىر مەسئۇلىيەت تۈزۈلمىسى قوللىنىدۇ.

 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي سوت ئورگىنى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە كەسپى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا جاۋاب بېرىدۇ. جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆزىنى بارلىققا كەلتۈرگەن دۆلەت ھوقۇق ئورگىنىغا جاۋاب بېرىدۇ.

  

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بولسا ئالىي تەپتىش ئورگىنى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا جاۋاب بېرىدۇ. جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆزىنى تەسىس قىلغان دۆلەتنىڭ ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىگە جاۋاب بىرىدۇ.

  

جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى

ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ناھىيە، شەھەر، شەھەر رايونى، يېزا، مىللىي يېزا، بازارلار خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىدۇ. جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى قانۇن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەر ئاپتونومىيە ئورگىنى تەسىس قىلىدۇ.

  

مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى

مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بولىدۇ، ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا، شۇ رايوننىڭ ئاپتونومىيە يۈرگۈزىدىغان مىللىتىنىڭ ۋەكىلىدىن سىرت، شۇ رايوندا تۇرۇۋاتقان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇۋاپىق مىقداردا ۋەكىللىك سانى بولىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاست ئوبلاست باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ھاكىمى شۇ رايوندا ئاپتونومىيە يۈرگۈزىدىغان مىللەتنىڭ پۇقراسى بولىدۇ.