جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىام|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-30 00:34

 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلاپ چىقىدۇ. سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بار يېشى 45 ياشقا توشقان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى قىلىپ سايلانسا بولىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى ۋە مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئەتلەر كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، قانۇن ئېلان قىلىش، باش مىنىستىر، مۇئاۋىن باش مىنىستىر، دۆلەت كومىسسارى، مىنىستىرلار، ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپلارنى تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئوردېنى ۋە شەرەپ نامىنى بېرىش، ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى چىقىرىش، جىددىي ھالەتكە كىرىشنى جاكارلاش، ئۇرۇش ھالىتى جاكارلاش، ھەرىكەتلەندۈرۈش بۇيرۇقى چىقىرىش قاتارلىق ھوقۇقى بار بولىدۇ.