خۇ جىنتاۋ
0
2011-12-29 21:35:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئەسقەر تۇرسۇن

 

 

خۇ جىنتاۋ، ئەر، خەنزۇ، 1942-يىل 12-ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ جىشى دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1964–يىلى 4– ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1965–يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى سۇچىلىق قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى دەريا تۈگۈنى ئېلېكتر ئىستانسىسى كەسپىنى پۈتكۈزگەن. ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، ئىنژېنېر. ھازىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى. 1959–يىلىدىن 1964–يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان؛ 1964–يىلىدىن 1965–يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ھەم سىياسىي يېتەكچى 1965–يىلىدىن 1968–يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىدا پەن-تەتقىقات خىزمىتىگە قاتناشقان ھەم سىياسىي يېتەكچى بولغان («مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغاندىن كېيىن توختاپ قالغان)؛

1968–يىلىدىن 1969–يىلىغىچە سۇ-ئېلېكتر مىنىستىرلىكى ليۇجياشا قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئۆي قۇرۇلۇش ئەترىتىدە ئەمگەك قىلغان؛ 1969–يىلىدىن 1974–يىلىغىچە سۇ-ئېلېكتر مىنىستىرلىكى 4-قۇرۇلۇش ئىدارىسى 813–شۆبە ئىدارىسىنىڭ تېخنىكى، كاتىپى، ئورگان پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان؛ 1974–يىلىدىن 1975–يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ كاتىپى بولغان؛ 1975–يىلىدىن 1980–يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش كومىتېتى لايىھىلەش، باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1980–يىلىدىن 1982–يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى گەنسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى (1982–يىلى 9-ئايدىن 1982–يىلى 12–ئايغىچە) بولغان؛ 1982–يىلىدىن 1984–يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان؛ 1984–يىلىدىن 1985–يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان؛1985–يىلىدىن 1988–يىلىغىچە گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، گۈيجۇ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ 1-سېكرېتارى بولغان؛