چېن تيەنچيۇ
0
2011-03-15 16:20:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

 

  

چېن تيەنچيۇ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭگاڭ دېگەن يېرىدىن. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى ئەزالىرىدىن بىرى. جۇڭگو كومپارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى. ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جۇڭگو كومپارتىيەسى جياڭشى ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، مەنجۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1939-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋە سەككىزىنچى ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان.

1942-يىلى شىنجاڭدىكى مىلىتارىست شېڭ شىسەي جياڭ جىشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئاق تېررورلۇقنى يولغا قويۇپ، چېن تيەنچيۇنى قولغا ئالدى. دۈشمەن ئۈنى ۋەھشىيلەرچە جازالىسىمۇ باشتىن-ئاخىر تىز پۈكمىدى. 1943-يىلى9-ئاينىڭ 27-كۈنى چېن تيەنچيۇ قاتارلىقلار مەخپىي ئۆلتۈرۈلدى. ئۇ ئاشۇ ۋاقىتتا 47 ياشتا ئىدى.