لى داجاۋ
0
2011-05-25 14:47:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام
 
 
ئېلىمىز يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ سەركەردىسى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، لى داجاۋ نۇرغۇن ماقالە ۋە نۇتۇق ئېلان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىزىمىنىڭ پېشىۋاسى، ئېلىمىزدىكى ئەڭ دەسلەپ ماركىسىزم تارقاتقۇچى بولغان.
لى داجاۋ 1920-يىلىنىڭ باشلىرىدا بېيجىڭدا كومپارتىيەنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەشكىلاتى ۋە بېيجىڭ سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قۇرغان, شاڭخەيدە چېن دۇشيۇ بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەملىكەت مىقياسىدا كومپارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولغان. 1921-يىلى 7-ئايدا، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان، لى داجاۋ بىلەن چېن دۇشيۇ جۇڭگو كپمپارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ قالغان.
جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، لى داجاۋ ئىنقىلابىي بىرلىك سەپ قۇرۇشقا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭنىڭ شىمالدىكى ئەمەلىي رەھبەرلىك خىزمىتىنى بىۋاسىتە ئۆتىگەن.
لى داجاۋ 1927-يىلى 28-ئاپرېل مىللىتارىست جاڭ زۇلىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرىۋېتىلگەن، شۇ يىلى ئۇ 38 ياشتا ئىدى.