چيەن شۆسېن
0
2011-06-05 15:26:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا
 

 
 چيەن شۆسېن 1911-يىلى 12-ئايدا شاڭخەيدە تۇغۇلغان، ئەسلى يۇرتى جېجياڭنىڭ خاڭجۇ شەھىرى. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، ئىلىم-پەن بىلەن ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلىغان. 1934-يىلى چيەن شۆسېن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەتئەلدە ئوقۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، 28 ياشلىق چيەن شۆسېن دۇنيادىكى ئاتاقلىق ئايرودىنامىكىلىق كۈچ ئالىمى بولۇپ قالغان.
گەرچە ئامېرىكىدا ئالىي خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتى بار بولسىمۇ، لېكىن چيەن شۆسېن 1955-يىلى 10-ئايدا قەتئىيلىك بىلەن ۋەتەنگە قايتقان. ئۇ چيەن ۋېيچاڭ بىلەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مېخانىكا تەتقىقاتخانىسىنى قۇرۇپ، جۇڭگونىڭ راكېتا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كەتكەن.
چيەن شۆسېن-دۇنيا ئەھلى ئېتراپ قىلغان ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم بەرپاچىسى ۋە ئاساسلىق ئۇل سالغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن «دۆلەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار ئالىمى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تارقاتقان «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» تۆھپە مېدالىغا ئېرىشتى. ئۇ يېڭى جۇڭگودىكى ۋەتەننى سۆيۈپ قايتىپ كەلگەن خادىملار ئارىسىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك دۆلەت قۇرۇلۇشچىسى، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى يۇقىرى ئابرويغا ئىگە خەلق ئالىمى.
بىر ئۆمۈر ئىلىم-پەن ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئەمەلىيىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدا، چيەن شۆسېن نام-ئاتاققا بېرىلمەي، پاك ياشاپ، بىر ئىلىم ئۇستازىنىڭ ئالىيجاناپ پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.