جاڭ گاۋلى
0
2012-11-16 10:44:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەت

 

جاڭ گاۋلى، ئەر، خەنزۇ، 1946-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، فۇجيەننىڭ جىنجياڭدىن ، 1970-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1973-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، شيامىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكولتىتېتى پىلان ئىستاتىستىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى.

ئۇ 1965-يىلدىن 1970-يىلغىچە شيامىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا پىلان ئىستاتىستىكا كەسپىدە ئوقۇغان. 1970-يىلدىن 1977-يىلغىچە نېفىت مىنىستىرلىقى گۇاڭدۇڭ ماۋمىڭ نېفىت شىركىتىدە ئىشچى، ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى، سىياسىي بۆلۈم ئىتتىپاق باش ياچېيكا سېكرېتارى، شىركەت ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان. 1977-يىلدىن 1980-يىلغىچە نېفىت مىنىستىرلىقى گۇاڭدۇڭ ماۋمىڭ نېفىت شىركىتى نېفىت چەككىلەش زاۋۇتى بىرىنچى سېخى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى، سىياسىي تەربىيەچىسى، زاۋۇت پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سېكرېتارى بولغان. 1980-يىلدىن 1984-يىلىغىچە نېفىت مىنىستىرلىقى ماۋمىڭ نېفىت سانائىتى شىركىتى پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پىلان باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن دىرېكتور بولغان. 1984-يىلدىن 1985-يىلغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ماۋمىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە باش شىركىتى ماۋمىڭ نېفىت سانائىتى شىركىتىنىڭ دىرېكتورى بولغان. 1985-يىلدىن 1988-يىلغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1988-يىلدىن 1992-يىلغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، ئارىلىقتا 1990-يىلى 4-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان. 1992-يىلدىن 1993-يىلىغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1993-يىلدىن 1994-يىلىغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1994-يىلدىن 1997-يىلغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، جۇجياڭ دېلتىسى ئىقتىسادىي رايونىنى پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1997-يىلدىن 1998-يىلغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1998-يىلدىن 2000-يىلغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. 2000-يىلدىن 2001-يىلغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2001-يىلدىن 2002-يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكە باشلىقى بولغان. 2002-يىلدىن 2003-يىلغىچە شەندوڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكە باشلىقى بولغان. 2003-يىلدىن 2007-يىلغىچە شەندوڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2007-يىلدىن 2007-يىلىغىچە تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. 2007-يىلدىن 2012-يىلغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. 2012-يىلدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان، 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16-17-18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.